版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34642288.html

    شېئىرلار


    مۇھەممەد سالىھ (ئۆزبېكىستان)

     
    قار زىنھار توختىما...

    قار زىنھار توختىما، توختىما زىنھار.
    كوچىغا چىقارما سەن مېنى بۈگۈن.
    ئولتۇرغۇز كۇرسىدا ئۆيۈمگە قاماپ،
    بىردەم ئويلانماققا ئەيلىگىن ھۆكۈم.

    توختىما، توختىما، توختىمىغىن قار.
    شاۋقۇنلۇق دۇنيانى بىر دەم ئالداپ تۇر.
    كوچىلار ھىچكىمنى ئالمىسۇن كۈتۈپ،
    بىر دەم ئىشىكلەرگە ئاق تامغاڭنى ئۇر.

    دېرىزىدىن ساڭا تىكىلگەنچە جىم
    بىر دەم ئالاي مىسكىن يۈرىكىمگە زوق.
    بىر دەم ئويغا چۈمسۇن ئادەملەر، بىر دەم.
    بىر دەم ئۆزى، بىر دەم ئۆلۈم توغرۇلۇق...


    ئۆز ئۆيۈم

    پىلنىڭ ئىگىسى
    ئۆز پىلىنى سۆيگەن كەبى
    تاملىرىنى سىيلايمەن ئۆينىڭ.
    ئىشىكلەرنى قۇچاقلايمەن،
    ئاشىق مەشۇقنى قۇچاقلىغاندەك.

    مۇنچىغا كىرىپ،
    ۋاقىرايمەن خۇشاللىقىمدىن
    شاقىراتما ئاستىدا يۇيۇنىۋاتقان
    ئىپتىدائىي ئادەمگە ئوخشاش.

    بۇ مېنىڭ ئۆز ئۆيۈم
    سىزنىڭكى ئەمەس،
    سىزنىڭ ئەمەستۇر ناھايەت.
    مەن ئەمدى خالىسام سۈرىتىمنى
    خالىغان تامغا ئاسىمەن
    پەقەت سىزنىڭكىنى ئەمەس ناھايەت.

    بۇ مېنىڭ ئۆز ئۆيۈم،
    مۇبادا ئۆلسەم
    جەسىتىمگە ھېچكىم ۋاقىرىيالمايدۇ
    «چىقىپ كەت بۇ يەردىن، تىز چىقىپ كەت» دەپ.


    تەبىئەتنىڭ ئەڭ كىچىك شېئىرى

    تەبىئەت ئۆز-ئۆزىگە شىۋىرلار
    ئۆز-ئۆزى بىلەن سۆھبەتلىشەر جىم.
    شامال ئۆزى بىلەن
    ياپراق ئۆزى بىلەن
    مايسا ئۆزى بىلەن شىۋىرلىشىدۇ.

    جىمجىتقىنا تىڭشاڭ سىز،
    ئەنە
    تەبىئەتنىڭ ئەڭ كىچىك شېئىرى
    چۈمۈلىلەر كېتىپ بارماقتا.

    ★★★

    (ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى «تاڭ» ئىكەن. مېنىڭ «تەبىئەتنىڭ ئەڭ كىچىك شېئىرى» دەپ ئۆزگەرتىپ قويغۇم كەلدى)

    (مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى». ئۆزبېكچىدىن ئابابەكرى توختى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ)

    ********************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: