«كۆيگەن دېڭىز»نىڭ بايانى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:ئەدەبىيات   2009年02月05日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34641202.html

    «كۆيگەن دېڭىز»نىڭ بايانى

     
            ئابدۇقادىر جالالىدىن


         ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى.
         ياشاش قىيىنلاشتى.
         ياشاش ئىھتىياجى مېنى تاشقى تەسىرلەرنىڭ يىغىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئىچكى ھاياتىمنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالىدىغان چاغلىرىم نەقەدەر ئاز! سىرتىمدىكى ئاۋازلار مېنى كۆمۈپ تاشلىغان.
         پاك كۆزلىرىمنى سىغدۇرالايدىغان بوشلۇق ئىزدەيمەن. يۇلتۇزلار يىراقلاپ كېتىشكەن. ئۇلارنىڭ غۇۋا جىمىرلاشلىرى توزۇغان شاپتۇل چېچەكلىرىنى ئېسىمگە سالىدۇ. ئاھ، مەڭگۈلۈكنىڭ سەپىرىدىكى دۇنيا نىمانچە پەرىشان!
         جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىم كىرەك. لىكىن، ئۆگەنگەنلىرىم ئىچىدە ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم. بىلىملىرىم ئىچىدە ئۆزۈمگە ئائىت نەرسىلەر ئاز قالغانسىرى، شۇنچە مۇساپىرلىق ھىس قىلىمەن. كاللام تەقدىرنىڭ ئەۋرىشكىلىرى بىلەن تولغان بىر شەھەركى، بۇ شەھەردىن ئۆزۈمنى تاپالمايمەن.
         مىسلىسىز يوقسۇزلۇق مېنى غەمكىن قىلىپ قويىدۇ. ئۇچ - چېكى يوق غېرىبلىق مۇزدەك تۇمشۇقى بىلەن پىشانەمنى سۆيىدۇ.
         مۇشۇنداق چاغدا شېئىر مېنى چاقىرىدۇ.
         كىشىلەر ئارىسى بىر جاڭگال.
         ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن.
         مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى تاپالايمەن.
         مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى داۋالايمەن.
         مەن شۇنداق بىر دارۋاز، قارارگاھىم كۆزۈمدىن يىراق، تاماششابىنلىرىم يوق ھىساپتا.
         تاكى ئىچكى كەچۈرمىشلىرىمنىڭ قۇدرىتى تولۇق نامايەن بولغۇچە بىر تەۋەككۇلچىمەن.
         مەندىكى ئارزۇ شۇ: شەيئىلەرگە چۈشكەن بىر دەقىقىيلىق نەزىرىم مەڭگۈلۈك ھەقىقەتكە ئايلانسا دەيمەن.
         ئۇنىڭغىچە كۆزلىرىمنىڭ جەۋھىرىنى شېئىرنىڭ بىلەي تېشىدا بىلەيمەن.

    (2001 - يىلى 4 - ئاي. ئۈرۈمچى)
    (مەنبە: «كۆيگەن دېڭىز». بۇ ئەسەرنى باشقا تور بىكەتكە يوللاشقا بولمايدۇ)

    *********************************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: