版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34641310.html

    ****************
    ئەنۋەر ناسىرى شېئىرلىرى
    ****************


    ئەنۋەر ناسىرى ھەققىدە:
    ****************
    ۋەتەنپەرۋەر شائىر  ۋە ژورنالىست ئەنۋەر ناسىرى 1904 - يىلى تۆمۈرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
    1934 - يىلدىن باشلاپ «ئىلى شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىشلىگەن.
    1937 - يىلدىن باشلاپ غۇلجا «ياردەم مەكتەپ» تە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
    «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە ساقچى ئىدارىسىدا كاتىپ بولغان.
    1946 - يىل 11 - ئايدا غۇلجىدا 33 يېشىدا ۋاپات بولغان.
    ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم - ئەنۋەر ناسىرى ئىدى» دېگەن ئىدى.
    ****************


    شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى:

    (1)  كۈن چىقىش شامىلى
    (2)  قىشقا بېغىشلاپ
    (3)  خەت
    (4)  ئۆلۈم ئالدىدا
    (5)  پارچە
    ****************
     

    ئۆلۈم ئالدىدا

    ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
    كېسىلگەن باش، چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان،
    تىتىلغان تەن، تۈرۈلگەن مۇشت، كىرىشكەن چىش،
    پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان.


    پارچە

    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ.
    كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

    ****************************
    (مەنبە: «گۈدۈك». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1982-يىل 8-ئاي نەشرى)
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ.
    **********
    **********************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: