版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34641804.html

    *************** ***** ** ***** *
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى
    ** ***** ***** ****************


    (كەتمەنباينىڭ بايانى: گۈزەل تەبىئەت ۋە ئەزىز خەلقىم نورۇز تەنتەنىسى ھەم باھار تۇيغۇسىغا چۈمگەن مۇشۇ دەقىقىلەردە ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئۆمۈر مەنزىللىرى» دىگەن شېئىرلار توپلىمىدىكى بارلىق رۇبائىيلىرىنى، يەنى جەمئىي يەتمىش پارچە رۇبائىيسىنى تولۇق تەييارلاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا «نورۇز سوۋغىسى» سۈپىتىدە سۇندۇم. ئەقىل - پاراسەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان ھەر بىر مىسرادىن ۋە ھەر بىر مىسرادىكى ئۈگۈت-نەسىھەتلەردىن بەھرى ئالغايسىلەر.
    2008-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى)

    &&&&&&&&&&&&&&&&&


    *** **** ******
    رۇبائىيلار(1)
    ** **** *******

    (ئون يىللىق ئاپەت مەزگىلىدە يېزىلغان)

    (1)
    قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى.
    شامال دارىپ كىكەچ قىلدى تىلىمنى.
    قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ مەن،
    نىمەم بىلەن قىلاي رازى ئېلىمنى؟
    (2)
    قارا يىللار بۆشۈكىگە تۇغۇلدۇم.
    تۇغۇلدۇميۇ، قەپەز ئىچرە بوغۇلدۇم.
    ئۆمرۈم مېنىڭ ھەسرەت بىلەن ئۆتەرمۇ؟
    ئەلگە خىزمەت قىلاي دىگەن ئوغۇلتۇم.
    (3)
    يوق ئىدىم، بىر كىچىدە بار قىلدى مېنى.
    بار قىلدىيۇ، جاپاغا دۇچار قىلدى مېنى.
    يەتمەسمىدى شۇ، پەرزەند تاپقىنىم نىمە؟
    ساراڭلىقىم تولا گۇناھكار قىلدى مېنى.
    (4)
    مېنىڭ مەن بولمىقىم ئۆز مەيلىم ئەمەس.
    يا ئورۇق-سېمىزلىك تۈپەيلىم ئەمەس.
    ئۆز يۇرتتا مۇساپىر، ئۆز يۇرتتا غېرىب
    بولمىقىم ھەرگىز ئۆز خۇي-پەيلىم ئەمەس.
    (5)
    تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق.
    ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە بانا يوق.
    كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش، كۈندە غەم،
    دەردىم ئېيتسام دەردكە دەرمان دانا يوق.
    (6)
    بۇ نىچۈك تۇرمۇشكى ئەمدى، پاك كىشى ئاندىن بىزار.
    تەن بىزار جاندىن يەنە جانمۇ ھەم تەندىن بىزار.
    كۆڭلۈم ئىستەر مەڭگۈلۈك خىلۋەت ماكان.
    ۋاھ ئەجىبكىم! دىلمۇ بۇ جاندىن بىزار.
    (7)
    ئىلمىڭ بولدى نىمەيۇ، ئەقلىڭ نىمە؟
    ئادىمىيلىك خىسلىتىڭ، پەزلىڭ نىمە؟
    باقمىسا دەۋران ساڭا كۈلمەس گۈلۈڭ.
    قانچىلىك سىڭگەن بىلەن ئەجرىڭ نېمە؟
    (8)
    قارۇنغا خەزىنەيۇ، ئەيساغا ئېشەك.
    چىۋىنگە قەنت-شىكەر، ھۇماغا سۆڭەك.
    نىمە بۇ بۇنچىلىك بىدادلىق، سىتەم؟
    قاچانمۇ تۈزىلەر رەپتارى پەلەك؟
    (9)
    تۆرەلمەكلىك مېنىڭ ئۆز ئىشىممىدۇر؟
    تۇغۇلماقلىق مېنىڭ خاھىشىممىدۇر؟
    ئانامنىڭ قارنىغا سىغقان ئىدىمكى،
    جاھانغا سىغمىغان شۇ بېشىممىدۇر؟
    (10)
    ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن،
    ئۈمىدسىز-شەيتان ئىمىش بىنەسىپ جاندىن.
    مەڭگۈلۈك زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن.
    ئۈمىدنى ئۈزمىگىن سەن سۇبھى تاڭدىن.



    *** *** *******
    رۇبائىيلار(2)
    *** *** *******

    (1)
    قاياشتۇر ئاي بىلەن قۇياش ئۆمۈربات.
    قۇياشسىز قالسا ئاي بولۇر زۇلۇمات.
    ھاياتىم بۆشۈكى شۇ ئانا ۋەتەن،
    ۋەتەنسىز نە قىلسۇن بۇ تەندە ھايات؟
    (2)
    ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
    ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق.
    شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نىمە بار،
    سىغمايدۇ كۆڭلۈمگە بۆلەك ئىشتىياق.
    (3)
    مەجنۇن تال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
    سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
    سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا
    بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم!
    (4)
    ھەر قانچە ئىگىزدە قوش پەرۋاز قىلار،
    ئوزۇغى، ئۇۋىسى يەر ئۈزرە بولار.
    يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
    پۇتلىرىڭ ھامان شۇ تۇپراقتا تۇرار.
    (5)
    ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ،
    مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ.
    ۋەتەنگە مۇھەببەت كۈچ-ئۈمىد بېرىپ،
    پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.
    (6)
    تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى،
    مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
    مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،
    ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
    (7)
    جاھاندا ئىككى نەرسە مەڭگۈ ئۆلمەس.
    بىرى خەلق، بىرى «ھەق ئىگىلەر سۇنماس»
    بۇلۇت گەرچە توسار بەزىدە قۇياشنى،
    قۇياش ئۆچمەس، يۈزىگە توزان قونماس.
    (8)
    چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس.
    چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس.
    ئالقانچە يەردىكى قۇياش نۇرىنى
    مىڭ ھارۋا توپىمۇ ھەرگىز كۆمەلمەس.
    (9)
    باھار كەتسە توزار گۈلشەندە غۇنچە،
    تىرىكنىڭ قەدرىمۇ كۆز يۇمۇلغۇنچە.
    لېكىن ئۆلمەس كىشىلەر ھەم بار جاھاندا،
    قوياشنىڭ ئۆمرى قانچە، ياشار شۇنچە.
    (10)
    ئاقار دەريا يۈزىمۇ قىشتا مۇزلار،
    قىزىلگۈلنىڭمۇ بىر كۈن خازانى بار.
    ئۇلۇغ غايە بىلەن سوغۇرۇلسا دىل،
    ئۇنىڭدا ھەمىشە تۆت پەسىل باھار.
    (11)
    بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان،
    بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
    ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز- تاۋۇشسىز،
    قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇققانغا مىكىيان.
    (12)
    كىشىكىم مەيلى شاھ، مەيلى گادادۇر
    ۋە مەيلى دانىشمەن، مەيلى سىپاھدۇر.
    دېڭىزدىن تامچە بىز ھەرقاندىقىمىز.
    ئادەمزات تارىخى بۇڭا گۇۋاھدۇر.
    (13)
    مېنى باغدىن ئەمەس چۆلدىن ئىزلەڭلار،
    ۋە يا باغراش دىگەن كۆلدىن ئىزلەڭلار؛
    ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئۇزۇن سەپەردە-
    يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزلەڭلار.
    (14)
    چېچىپ نۇر قوغلايدۇ زۇلمەتنى گۈلخان.
    ئۆزى كۈل بولۇپ دەشتتە قالار بىنىشان.
    نە يەڭلىغ ئۇلۇغۋار ئۇنىڭ غايىسى.
    بولالىسام كاشكى شۇ گۈلخانسىمان.
    (15)
    بۇلبۇل ئېيتۇر: گۈلزارىمدىن ئايرىما،
    لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
    مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلغاي،
    مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما.
    (16)
    ئۆمۈرنىڭ تولىسى ئۆتتى مەنىسىز.
    قاراڭغۇ شولىدەك ئۈنسىز، شولىسىز.
    قىراۋ باستى باش ۋە ساقالنى تەڭلا،
    ئەمدى قالارمۇ مەندىن بىرەر ئۆچمەس ئىز؟
    (17)
    ئالدىمدا بىپايان ۋادىلار، باغلار.
    ئارقامدا ئاسمانغا تۇتاشقان تاغلار.
    تىزلەتسەم قەدەمنى نە بەخت ئىدى؟
    دەرىخا، كەلمەس ئۇ نەۋقىران چاغلار.
    (18)
    شاتلىق بىلەن قايغۇ قوشگېزەك ئىمىش،
    مۆلدەرگە ئاھارۇ-كۇز بىردەك ئىمىش.
    ئۇتۇقتا يوق دىمە ئوڭۇشسىزلىقنى،
    كىشىلىك ھاياتى شۇ دىمەك ئىمىش.
    (19)
    ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
    ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار.
    يا ماختان، يا ئۆكۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
    ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.
    (20)
    ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
    گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس.
    كۇنۇڭ ئۆتسە ئالقىش-ماختاشلار ئارا،
    ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس!
    (21)
    قارىغاينىڭ كۆكلىگى ئۇنىڭ زىننىتى،
    تۈزلىگى ئۇنىڭكى قەدىر-قىممىتى.
    ھەر كىشى قارىغايدەك بولالىسا تۈز،
    ئەل ئىچرە ساقلىنار ئىززەت-ھۆرمىتى.
    (22)
    ئەل غېمى، شاتلىغى ئىلھامغا بۇلاق،
    ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خوشپۇراق.
    كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل.
    سولىشىپ كېتەر تېز بولمىغاچ تۇپراق.
    (23)
    ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
    تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
    ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا،
    ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ چېكەرسەن ئەلەم.
    (24)
    شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
    ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
    تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغۇچە،
    كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
    (25)
    شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس.
    شائىرغا ھېرىس -تاما بولمىغاي ھەۋەس.
    يازغاننى قەدىرلە ئاۋال سەن ئۆزەڭ،
    سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
    (26)
    بىلىمدۇر يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار.
    مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يېتەر.
    ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۇركى،
    قارا تاش ئۈستىگە تىرىساڭ ئۈنەر.
    (27)
    كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر.
    بىلىپ بولماققا لىكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
    ئارىستودەك ھەكىممۇ ئېيتقان ئىدىكى:
    «بىلگەنسىرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر»
    (28)
    قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
    ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
    ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
    قەلبىڭدە گەر بولسا تېرىقچە رىيا.
    (29)
    بىلىم ئۇ، خۇددى چىن سۆيگۈ مىسالى،
    پەرھاتقىلا مەنسۇپ شىرىن ۋىسالى؛
    كىمىكى ساختىلىق قىلسا خسراۋدەك،
    ۋىسالغا ئېرىشمەك ئۇنىڭ خىيالى.
    (30)
    سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار.
    دۆلەت قۇشى قونسا ئەمەل تۇتقان بار.
    ۋەلىكىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى
    رىيازەت چەكمەستىن قاچان تاپقان بار؟
    (31)
    ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش.
    بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
    بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دىيىش
    ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
    (32)
    بىلمەكتىن مۇرات: نام-شۆھرەت ئەمەستۇر،
    شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
    بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
    ھوسۇلى ئەلگە بولسا، ئۇشبۇ بەستۇر.
    (33)
    ئالدىڭدا يېقىملىق شام-چىراققا باق،
    كېچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپپاق.
    تەپەككۈر كۆزىدە ئۇنى بىر كۈزەت،
    ئۆزى ئۈچۇن يانامدۇ ئۇشبۇ شام-چىراق.
    (34)
    ماڭلايدىن ئاقمىسا تارام-تارام تەر.
    كۆكەرمەس ھىچقاچان باھاردىمۇ يەر.
    بىلىم مەنزىلىمۇ تاشلىق، داۋانلىق،
    نىچۈن ئالغاي مىدال جەڭدىن قاچقان ئەر؟
    (35)
    گەر نادان ئۈگەتسە ساڭا ئەقىل-ئىش.
    كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش.
    ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى
    ئاتوم دەۋرىدىمۇ ئەزەلدىن بار ئىش.
    (36)
    دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مۆئمىن-مۇسۇلمان
    تىلەيدۇ دوزاقتىن بولماقنى ئامان.
    ۋەلىكىن دوزاقنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش:
    «مەن ئۆزۈم قورقىمەن ناداندىن يامان»
    (37)
    يولۇڭ بولسا توغرا مەردانە بولغىن.
    ھەقىقەت شامىغا پەرۋانە بولغىن.
    «ئېشىڭ بولسا ھالال تۆت كوچىدا ئىچ»
    دەيدۇ ئەل. ھەق ئۈچۈن قۇربانە بولغىن.
    (38)
    كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
    جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
    مۇبادا رەشىك-ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
    تېرىقنىڭ قاسرىغىمۇ ئاران سىغىدۇ.
    (39)
    ئاسمانغا نەزەر سال، يۇلتۇز بىساناق،
    ئۇسۇشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
    جاھان كەڭرى، دوستۇم، يېتەر ھەممىگە،
    ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.
    (40)
    كۆپەيسە دۈشمىنىڭ سەن بولما غەمناك.
    بېرىدۇ ئۇ ساڭا ئەقىل ھەم ئىدراك.
    ئەگەردە چاقمىسا ئادەمنى يىلان،
    نەدىن تېپىلاتتى دورايى تەرياك؟
    (41)
    ئۇنىكىم، دوست دىمە راھەتتە ئىناق.
    ئايرىلسا غۇربەتتە سېنىڭدىن بىراق.
    سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
    يورۇقتا بىللەدۇر، زۇلمەتتە يىراق.
    (42)
    ئۇنىكىم، دوست دىمە غەيۋەتكە ماھىر.
    سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر.
    مىسال شۇكى: چايانغا بەرى ئوخشاش،
    قېرى-ياش ھەم بوۋاق، دانىش، ئاكابىر.
    (43)
    ئۇنىكىم، دوست دىمە ھەر كۈندە ۋەدە.
    بۈگۈننىڭ ئەتىسىمۇ يەنە ئەتە.
    مىسالى چۆلدىكى ۋىلۋىلگە ئوخشار.
    ئۇنى قوغلاپ يېتىشمەك ساڭا نەدە؟
    (44)
    ئۇنىكىم، دوست دىمە، ھەم ساڭا يولداش.
    رەقىبىڭ بىرلە ھەم ئۇ بولسا مۇڭداش.
    مىسال شۇكى: نىمە دەر خەلقى ئالەم،
    ئەگەردە ئىككى يار تۇتسا قەلەمقاش؟
    (45)
    نىچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىنى پەرۋانە؟
    نىچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە؟
    نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى
    تۇرمۇشنى تەرك ئەتكەن زاھىد مەستانە؟
    (46)
    يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پىلەك.
    چېچەكسىز پىلەكتە بولامدۇ خەمەك؟
    ئۇزارغانسىرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى
    بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
    (47)
    ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كىسەك.
    گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تىزەكلەر ئېشەك.
    كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق،
    يەپ ئاددىي يوپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.
    (48)
    بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ گەر
    ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت-ئەر.
    كۆر پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر يىل
    بەرسىمۇ غوزىنى بىمىننەت ئۆلەر.
    (49)
    قېرىماس نەرسە يوق جاھاندا پەقەت.
    قۇياشمۇ قېرىيدۇ ھەتتا ھەر سائەت.
    ۋەلىكىن بۇنىڭمۇ مۇستەسناسى بار،
    ئۇنىڭكى نامىدۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت.
    (50)
    ئەزىم دەريا ئاقار شاۋقۇن-سۈرەنسىز.
    نى ئەرلەر قالدى چۆل-دەشتتە كىپەنسىز.
    نە ھاجەت كۆرەڭلەش بىزگە ئەي دوستۇم!
    ئايلىنار يەر شارى سەنسىزمۇ-مەنسىز.
    (51)
    نى ئەرلەر كەچتى قان، يەنە قان كېچەر.
    ئەل بەختى يەنە كۆپ قان-تەرنى تىلەر.
    قان ۋە تەر ئاققۇزۇپ بولۇپ بىر ئۆستەڭ
    قاندۇرساڭ چۆلنى ئەل ئەجرىڭنى بېرەر.
    (52)
    جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا.
    مۇھەببەت-نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
    ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق.
    ئۇنى ئەل ھىچقاچان دىمەيدۇ ناخشا.
    (53)
    ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن،
    ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھىس قىلار ئىكەن.
    ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
    ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
    (54)
    بىر زاھىد ئۆتەركەن نامازنى سەھەر.
    ئوي-پىكرى جەننەتتىن ھۆرلەرنى ئىزلەر.
    شۇ چاغدا بىر دىھقان قوغۇننى كۈچلەپ،
    «ئىلاھىم ئوخشىغاي بۇ قوغۇنۇم» دەر.
    (55)
    سۇۋادان تىرەككە تاش ئاتماس كىشى.
    سەۋەپ شۇكى يوقتۇر ئۇنىڭ يىمىشى.
    يىمىشلىق دەرەخكە تىگىپ كۆپ تاياق
    ھەمىشە يېرىقلىق تۇرىدۇ بېشى.
    (56)
    ياشلىق-ھەر كىشىنىڭ گۈلىستان بېغى.
    ھەر تاڭدا بۇلبۇلنىڭ ناۋاكەش چېغى.
    بىر قاچا سۈت بولسا بۇ ئۆمۈر دىگەن،
    ياشلىقىڭ شۇ سۈتنىڭ قايمىقى، يېغى.
    (57)
    ياشلىقتۇر ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى
    باھارغا باغلىقتۇر بىر يىلنىڭ كارى.
    نىمە چاچسا يەرگە باھاردا دىھقان
    شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە تاغارى.
    (58)
    كۆكلەم-باھار كەتسە يېنىپ كەلگەن بار.
    جاندىن كەچسە ئەگەر يارنى سۆيگەن بار.
    ۋەلىكىن نەدىمۇ بىر قىتىم كەتكەن
    ياشلىقنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يەتكەن بار؟
    (59)
    ۋەتەن يادى مېنىڭ سۈبھىگاھىمدۇر،
    ئۇ كۈندۈز ئاپتىپىم، تۈندە ماھىمدۇر.
    ئەگەرچە ئەيلىسە رەشىك مەيلى كەئىبە،
    ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.
    (60)
    نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىر دەم.
    ئۇنىڭ خۇلقى-مىجەزى قانداق مۇكەررەم.
    يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى شۇڭا
    ياتار ئۇ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ دىلجەم.


    ***************************************
    مەنبە: «ئۆمۈر مەنزىللىرى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.
    1985-يىل 6-ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي

    ***************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: