سۇلتان.ئابدۇرەشىدخان.غەزەللىرى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:كىلاسسىك   2009年02月17日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35347593.html

    سۇلتان ئابدۇرەشىدخان غەزەللىرى

     
    (1)

    ھەق يولىدا جان چېكىپ بىر جۇستىجۇيى قىلمادىم.
    تەۋبە سۈيىدىن تەنىمنى شۇستۇشۇيى قىلمادىم.

    ۋەھ، نەچۈك مەقبۇل بولغاي بۇ نەمازىمكىم مېنىڭ،
    چۈنكى خۇنابى جىگەر بىرلە ۋۇزۇيى قىلمادىم.

    ئۆتدى ئۆمرۈم دۇنيەنىڭ مەسلىھەتىدىن، ۋادەرىغ!
    ئاخىرەت ئەسبابىدىن بىر تارە مۇيى قىلمادىم.

    كېچەلەر خەستە كۆڭۈل غەمكىن ئۆلۈم قورقۇنچىدىن،
    كۆز ياشىم بىرلە يۈزۈمگە ئابرويى قىلمادىم.

    ئەي رەشىدى، سەن ئۆزۈڭنى بىھۇدە ئاشىق دىمە،
    ئىشقنىڭ مەيدانىدا بىر ھاي – ھۇيى قىلمادىم.

    (2)

    دۇنيە بىر ھۆسن ئەھلىنىڭ نامىھرىبانى پىش ئەمەس
    كىمكى سېۋسە سۇددىن كۆپرەك زىيانى پىش ئەمەس.

    تۇت تىرىكلىكنى غەنىيمەت تا پۇشەيمان بولماغىل،
    جان تەن ئىچرە نەچچە كۈن مىھمانى پىش ئەمەس.

    دۇنيەغە فەرزەندى ئادەمنى ئىبەرمەكتىن غەرەز،
    قۇللۇغۇم قىلغايمۇ دەپ بىر ئىمتىھانى پىش ئەمەس.

    سەلتەنەت تەختىدە مەندۇرمەن دېگەن ئول شاھلار،
    جان بېرۇردە بىر گەدايى ناتەۋانى پىش ئەمەس.

    دۇنيەنى باقى تەسەررۇف قىلماغىل شەدداددەك،
    رىندى مۇفرىت ئالىدا بۇزۇق دۇكانى پىش ئەمەس.

    دۇنيە بىر كۆھنە رەباتىدۇر، ئىمارەت قىلماغىل،
    نەچچە بىر ئىت كەم دۇكاندەك ئۇستىخانى پىش ئەمەس.

    ئەي رەشىدى، بولماغىل مەغرۇر جەھان گۈلزارىغە،
    قايسى گۈلشەننىڭ گۈلى ئاخىر خەزانى پىش ئەمەس.


    ★★★★★★★★★
    مەنبە:«باياز». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1995 – يىل نەشرى.
    تورغا تەييارلىغۇچى:كەتمەنباي.

    باشقا تور بىكەتكە يوللاشقابولمايدۇ
    ★★★★★★★★★


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: