版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35347349.html

    **************************
    ئاتايى غەزەللىرى
    **************************


    (1)

    ھەر كۆڭۈلكى جان تىلەر ھەم ۋەسلى جانان ئارزۇلەر.
    ئەھلى ئىشق ئالىندە مۇشرىكدۇركى، ئىمان ئارزۇلەر.

    شەربەتى ئىچمەيتۇرۇر ساھىب نەزەرلەر جامىدىن
    كىمكى خوبلەر دەردىغە دارويۇ دەرمان ئارزۇلەر.

    با ۋۇجۇدى لەئلى جان بەخشۇ ئوشۇل ھۆرىلىقا،
    ئادەم ئېرمەس ئول كىشىكىم ئابىھەيۋان ئارزۇلەر.

    چۈن يۈزىن سېۋدى كۆڭۈل زۇلفۇ زەنەخدانىن تىلەر،
    ئارې يۈسۈفنى سېۋەنلەر بەندۇ زىندان ئارزۇلەر.

    بىر سېن ئېرمەسسېن ھەۋاسى بىرلە خارۇ مۇبتەلا،
    ئەي ئاتايى، ئول يۈزى گۈلنى ھەزاران ئارزۇلەر.

    (2)

    سېنى بىر قامەتى شەمشاد ئوقۇرلەر.
    غەمىڭ بىرلە كۆڭۈلنى شاد ئوقۇرلەر.

    مېنۇ رۇخسارۇ زۇلفۇڭ زىكرۇ فىكرى،
    خەلايىق سۇبىھۇ شام ئەۋراد ئوقۇرلەر.

    كۆڭۈللەر قۇشلەرىن سەيد ئېتمەك ئىچرە،
    كۆزۈڭ شەھبازىنى سەيياد ئوقۇرلەر.

    مۇھەببەت شەرئىدە خوبلەر قولىنى
    نىھالى سەرۋىدەك ئازاد ئوقۇرلەر.

    نەسىمى يار قوينىدىن تاپىلسە،
    سۇلايمان مۈلكىنى بەرباد ئوقۇرلەر.

    دەمى مەھبۇبسىز ئاشىق ھاياتىن
    ئەگەر خىزىر ئېرسە بىبۇنياد ئوقۇرلەر.

    ئاتايىنى گەدالەر ئىچرە مەزلۇم،
    سېنى شاھىنشاھى بىداد ئوقۇرلەر.

    (3)

    سېۋدى خوبلەرنى، ئايىردى خانۇمانىمدىن كۆڭۈل.
    ئۆزگە نى ئىستەر مېنىڭ بۇ قىلچە جانىمدىن كۆڭۈل.

    ئاھ مېن جانىمغە يېتتىم، جەۋر چېكمەكتىن، نىتەي.
    زەررە مىھىر ئۈزمەس ئوشۇل نامىھرىبانىمدىن كۆڭۈل.

    بۇ مېنىڭ يۈگرۇك ياشىم زارىمنى ئېلگە قىلدى فاش،
    ئاشكارا قىلمادى سىرى نىھانىمنى كۆڭۈل.

    ۋەسلى ھەجرىڭ قىسسەسىن بىر كۈن سەڭا شەرھ ئەيلەگەي،
    چۈنكى ۋاقىفدۇر مېنىڭ ياخشى-يامانىمدىن كۆڭۈل.

    بولغالى بىزار مېندىن ئاي يۈزۈڭنىڭ مىھرىدە
    يىل كېچەر، كېچمەس مېنىڭ بىر كۈن گۈمانىمدىن كۆڭۈل.

    بىتسەم بولغاي نەسىھەتنامەلەر يۈز «پەنج گەنج»
    ئۆزگە قىلماس خىسراۋى شىرىن دەھانىمدىن كۆڭۈل.

    جان بېرۇر مەھبۇب ئۈچۈن ئاشىق ئاتايى نىچە سېن،
    ھەردەم ئەيتۇرسېن ئايىردى خانۇمانىمدىن كۆڭۈل.

    (4)

    ساقىيا كەلتۈر مەيى گۈلگۈنكى، خۇش دەمدۇر بۇ كۈن.
    ئالەمى فەرخۇندەئى نەۋرۇزى ئالەمدۇر بۇ كۈن.

    نەكھەتى بادى سەبادىن تاپتى ئۆلگەنلەر ھايات،
    ھەببەزا، بادى سەبا ئېيسايى مەريەمدۇر بۇ كۈن.

    قامەتى گۈلبۈن چەمەنلەر سەھنىدە تەئزىم ئۈچۈن،
    ساقىئى گۈلرۈخ بىكىن سەرۋ ئالدىدا خەمدۇر بۇ كۈن.

    يەر يۈزىندە گۈلشەنۇ باغۇ باھارۇ باغچە،
    گۈنبەزى خەزرا مېڭىزلىك سەبزۇ خۇررەمدۇر بۇ كۈن.

    ھەر كىشىگە كىم مۇيەسسەردۇر پەرىۋەش يار ئىلە،
    جۈرئەيى نوش ئەيلىمەك ھاشا كى ئادەمدۇر بۇ كۈن.

    كىمگە كىم بولسە سەفالى بىرلە مەيدىن جۈرئەيى،
    ئۇشبۇ توققۇز شىشەدىن كۆڭلىگە نى غەمدۇر بۇ كۈن.

    سەلسەبىلۇ كەۋسەرۇ مائىمەئىن كەلتۈرسەلەر
    جامى مەي مەجلىسدە بارچەدىن مۇقەددەمدۇر بۇ كۈن.

    كەل دەمى مەيخانەنىڭ بەيتۇل ھىرامىن قىل تاۋاف،
    كىم سەنەملەر لەئلىدىن مەي ئابى زەمزەمدۇر بۇ كۈن.

    ئەي ئاتايى بولما غافىل، بىر نەفەس ھەمدەم تىلە،
    ئۆمىرنى ھەمدەم كېچۈرمەكلىك بەسى كەمدۇر بۇ كۈن.

    (5)

    مەڭا جەۋر ئەيلەر ئول دىلبەر ھەمىشە.
    سۈچۈك تىلدىن ئاچىق سۆزلەر ھەمىشە.

    كېزىپ خۇرشىدى خاۋەر ئۆيدىن ئۆيگە،
    يۈزۈندىن شوئلەئى ئىستەر ھەمىشە.

    كۆزى قاشىندىن ئوق يانى كېتەرمەس،
    كۆڭۈللەر قۇشلەرىن ئاۋلەر ھەمىشە.

    نەسىمى زۇلفىدىن يۈز رەشىك ئېلىتىپ،
    ئۆزىن ئوتقا سالۇر ئەنبەر ھەمىشە.

    ۋەفاسىز سەرۋ قامەتلەر غەمىندىن
    كۆڭۈل يافراقتەيىن تېبرەر ھەمىشە.

    ئەجەبدۇر، ئۆزلەرى سېۋگەن كىشىنى
    جەفا بىرلە سىنار خوبلەر ھەمىشە.

    ئاتايى شېئىردىن لەززەت قىلۇر كەسپ،
    ئوشال لەب ۋەسفىدە شەككەر ھەمىشە.

    (6)

    ئەي بېگىم، ۋەللاھ، كىرەكمەس تەندە جان سىزسىز مەڭا.
    ھەم ھاياتى خىزرۇ ئۆمرى جاۋىدان سىزسىز مەڭا.

    ئەل تىرىك دەرلەر مېنى كۆڭلۈمدە فىكىر ئەتسەم ۋەلى،
    بۇ تىرىكلىك تا بولۇر يۈزمىڭ گۇمان سىزسىز مەڭا.

    سىز سەنەملەر خانىدۇرسىز، بەندەڭىز بىر ئەنچە قۇل،
    بولماسۇن ئۇشبۇ ئۇلۇستا خانۇمان سىزسىز مەڭا.

    جەۋرۇڭىز مىھرۇ ۋافادۇر، دەردىڭىز ئەينى داۋا،
    فىل مەسەل گەر ئولتۇرۇرسىز مىھرىبان سىزسىز مەڭا.

    ۋەسلىڭىز ئۆمرۈم گۈلىدۇر، شەۋقىدە مېن ئەندەلىب،
    ياز فەسلىندە بولۇر ۋاقتى خەزان سىزسىز مەڭا.

    مېن بۇ يۈز مۇشتاقىدۇرمېن، باغۇ بوستانكىم بولۇر،
    بولماسۇن نەسرىنۇ لالە ئەرغىۋان سىزسىز مەڭا.

    مېن ئاتايىمېن ھۈسەينى، ھۆسىن ئىچىندە سېن ھەسەن،
    كەربالادۇر رەۋزەئى باغى جىنان سىزسىز مەڭا.

    (7)

    مېڭلەرىڭ مۇشكى خوتەن يا نۇقتەئى جاندۇر بېگىم.
    ئېڭلەرىڭ ۋەردى ئىرەم يا باغى رىزۋاندۇر بېگىم.

    جۈرئەئى لەئلىڭ سۈيىندىن ئادەمىلەر جان تاپار،
    ئەيب ئېمەس سورماق مەگەر ئول ئابى ھەيۋاندۇر بېگىم.

    ئىل مېنى چەۋگانى زۇلفۇڭ بىرلە بىر دەم گويتېك،
    كىم فىراقىڭ ئىلكىدە ھالىم فەرىشاندۇر بېگىم.

    بۇ تىرىكلەر سانىدە تۇتقان خەيالىڭدۇر مېنى،
    يوڭ ئىسە جانسىز تىرىلمەكلىك نى ئىمكاندۇر بېگىم.

    غارەتى ھىجران ئېلىندىن مۇخلىسۇ بىچارەمېن،
    خانى ۋەسلىڭدىن كەرەم قىل، ۋاقتى ئىھساندۇر بېگىم.

    ھەر نىكىم، يۈسۈف جامالىندىن ئېشتتۇك سېندەدۇر،
    بۇ ھىرى شەھرى مەگەركىم مۈلكى كەنئاندۇر بېگىم.

    بۇ ئاتايى قۇلنى سېۋدىڭ دېب مېنى يازغۇرمەغىل،
    ئول نىچۈك ئېتسۇن، كۆڭۈل بىر باشقا سۇلتاندۇر بېگىم.
               

    *******************************
    (مەنبە: «بۇلاق» 1982 - يىللىق 1 - سان)
    (تورغا كەتمەنباي تەييارلىغان)

    (بۇ غەزەللەرنى باشقا تور بىكەتكە يوللاشقا بولمايدۇ)
    *******************************


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: