版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35380063.html

    ئابدۇقادىر جالالىدىن شېئىرلىرى


    جان ئىچىدە


    مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
    ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.
    بولسۇن دېدىم ھالىمنى ئايان،
    چاينىڭ ئىچىدە، نان ئىچىدە.
    مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
    ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.  

    بىر تۈپ رەيھان ئۆستۈرۈپ قويدۇم، 
    ئەلگە پىنھان ئىمان ئىچىدە،
    بىلسەڭ ئۇنى باھارىم مەڭگۈ،
    تەننىڭ ئىچىدە، جان ئىچىدە.   
    مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،   
    ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.

    (1986-يىل. قەشقەر)
    ***********************


    ھايات ۋە شائىر


    (1)
    بىزنى ئېلىپ ماڭار بىر كىچىك قولۋاق
    دېڭىزنىڭ سۇلىرى پايانسىز ئويناق
    كۆڭۈلدە بىر سادا، ئېيتىدۇ شۇنى
    پەلەكتە يۇلتۇزلار بولۇپ قوڭغۇراق.

    (2)
    يۇلتۇزلار شائىرنىڭ قەلبىگە كۆچتى
    شائىرنى ياندۇرۇپ ھەم ئۆزى ئۆچتى
    پەسىللەر لېۋىدە ھەمىشە بىر ئوت
    ئوت نىمە؟ ئېيتىڭلار بۇنى كىم يەشتى؟

    (1996-يىلى. ئۈرۈمچى)
    ***********************


    شەھەردىكى بالىلار


    يېشىل - يېشىل ئورمانلار
    نەگە كەتكەندۇ؟
    ئاسمان تۇتۇق، نىمە دەرد
    ئاڭا يەتكەندۇ؟

    ئېگىز بىنا كەينىدىن
    چىققاندا قۇياش
    ئاپام بولار ئالدىراش
    دادام ئالدىراش.

    ئاڭلىمايمىز پۈتۈن ياز
    قۇشلار سازىنى.
    كۆرەلمەيمىز پاقلاننىڭ
    ئوماق نازىنى.

    ئۆتۈپ گۈزەل بالىلىق
    بولماقتا ئادا.
    تونۇمدىكىن بىزلەرنى
    تەبىئەت ئانا؟

    (1999-يىلى. ئۈرۈمچى)
    ***********************


    ۋەتەن ۋە ئىمان


    ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ، ئىمانىڭ قېنى؟
    قەلەملەر تەۋرەتتىڭ، ۋىجدانىڭ قېنى؟
    تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
    كۆڭلۈڭ ئاسمانىدا چولپانىڭ قېنى؟
    قەلەمنى مەشئەل دەپ مۆدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
    ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ.

    ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
    قەۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ.
    چاقنايدۇ مازاردا ئارزۇ يالقۇنى،
    كۆكتىكى يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ.
    بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
    قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.

    سەپ تۈزۈپ ھەر رەڭدە پەسىللەر ئۆتتى،
    «ۋەتەن» دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى.
    ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ،
    باشلاردىن نى ئەقىل،
                            نەقىللەر ئۆتتى.
    ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،
    ۋە يا  ئەرمەك ئەمەس، باشپاناھىڭدۇر.

    «ۋەتەن - جانان» دېدىڭ، جانان تېپىلار،
    ۋەتىنىڭ بولسىلا  ھامان تېپىلار.
    غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ،
    شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار.
    بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
    ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتان بولىدۇ.

    ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،
    نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ.
    ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ،
    بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ.
    لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
    تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.

    ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
    ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟

    (1999 - يىلى. ئۈرۈمچى)
    ***********************

    (مەنبە: «كۆيگەن دېڭىز»)
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    ***********************


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: