版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35381511.html

    ***********************************
    كۆك گۈمبەزگە سىغمايدۇ نالەم

    ***********************************


    تاھىر تالىپ
    **************


    («ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولۇمدىن كەتكەن» - خەلق ماقالى)


    ئەجەپ - ھە، ياشايتۇق قوشماقتەك،
    بىز يۇمران نوتىدەك چاغلاردا.
    خىيالسىز ئوينايتۇق قول تۇتۇپ،
    پاقلاندەك قىيغىتىپ باغلاردا.

    قولۇمغا ئېسىلىپ يول ماڭساڭ،
    سېزەتتىم مەن سېنى سىڭلىمدەك.
    قولۇڭنى قوينۇمدا ئىسسىتقان
    چاغدىمۇ سەبىيتۇق قەلبىڭدەك.

    كىيىكتەك كېلىپلا ئىچەتتىڭ،
    چاڭگالغا سۇ ئالسام تولدۇرۇپ.
    بىز شۇنداق ئوقىدۇق ئون بەش يىل،
    پارتىدا يانمۇ - يان ئولتۇرۇپ.

    ئۆستەڭدىن قۇچاقلاپ ئۆتكۈزگەن
    مەن سېنى چوپ - چوڭلا چاغدىمۇ.
    تېنىڭنى تېنىمدە ئىسستقان،
    سەيلىدە جۇت بولغان تاغدىمۇ.

    خەق نىمە دەپ يۈردى بىلمىدىم،
    مەن يۈردۈم «كىمىم؟» دەپ ئويلىماي.
    داشۆنى پۈتتۈردۈم مەن ساراڭ،
    سەن بىلەن بىر تانسا ئوينىماي.

    ئۇچۇرما بولۇپ تەڭ بىز ئۇچتۇق،
    مىڭلىغان بۈركۈتلەر قاتارى.
    ئۇچتۇق - يۇ، بىر يەرگە تەڭ چۈشتۇق،
    باشلاندى ئۆمۈرنىڭ باھارى.

    يەنىلا بىر مەكتەپ، بىر خانە،
    قارىشىپ ئولتۇرۇپ دەرس تۈزدۇق.
    ھە، توم - توم كىتابلار ئىچىدىن
    بوغۇنلار ئۈچۈن دەپ بال سۈزدۇق.

    ئەسلىسەم: ئويلىغان بىر ئىشنى
    باشلىقلار ئۈچۈرۈش ئالدىدا.
    (ھەممە گەپ ئۆزۈڭگە مەلۈمغۇ،
    يۈرمىدۇق بىز ھىچبىر دالدىدا)

    قارايتىم بەك ئۇزاق، بولمىسا
    ئېچىلىپ رەڭ تۈزگەن يۈزۈڭگە.
    ئاھۇدەك قارايتىڭ سەنمۇ ھەم
    رەڭ سەزمەس بوپ قالغان كۆزۈمگە.

    شۇندىمۇ باشقا گەپ ئويلىماي،
    «بىز خۇدا قوشقان دوست» دەپتىمەن.
    سەۋەبنىڭ ئالىمى ئىكەن بۇ،
    ھەسسىنە، خام چۆپنى يەپتىمەن!

    دوستلۇقتىن ئاشماپتۇ قەدەملەر
    ئۆتۈشۈپ تۇرسىمۇ پۇراقلار.
    «مىش - مىش»لار چاتاتتى ئەسلىدە،
    شۇنىمۇ سەزمەپتۇ قۇلاقلار.

    ياكى سەن قىلماپسەن «تۇنجى سۆز»
    «مۇقەددەس قانۇن»نى بۇزۇپلا.
    دەرتنى سەن تارتىپسەن (ئاڭلىدىم
    يۈرۈپسەن مەندىن گەپ كۈتۈپلا)

    يا ئاناڭ - قوشناممۇ ئانامدىن
    گەپ سوراپ باقماپتۇ بىر ئېغىز.
    يا مېنىڭ ئاناممۇ (ھاكاۋۇر!)
    دىمەپتۇ يۈرگىچە يەپ سېغىز ...

    بار دەردنىڭ بېشى مەن. قىلمىدىم
    بىر ئادا يىگىتلىك پەرزىنى.
    يەلكەمگە يۈكلىدىم  ئاخىرى
    تۈگىمەس قىيامەت قەرزىنى.

    سەن «ئۇچتۇڭ»، كۆكسۈمدىن گوياكى
    غايەت زور بىر دەرەخ يۇلۇندى.
    قالمىدى تېنىمدە جان - مادار،
    ئورنىغا قوغۇشۇن قۇيۇلدى .

    «ئېسىت!» دەپ زارۇ - زار يىغلىدىم،
    لېۋىمنى چىشلىدىم، قاناتتىم.
    بۇرۇندىن بولمىغان بىر ھال شۇ:
    گوياكى ئوت بولۇپ ياناتتىم.

    پەلەكنى تىللىدىم - قارغىدىم:
    سۆيگۈمگە جۈرئەتنى قوشماپتۇ.
    (مىھرىمنىڭ كۆلچىكى لىپلىقكەن،
    قەھرىمنىڭ كۆلچىكى توشماپتۇ)

    ئايرىلىپ كىتەرمىز دىمەپتىم،
    ئايرىلىپ بىلدىم مەن ھەممىنى.
    ئەسلىدە ئۆمۈرلۈك جۈپتۈم سەن!
    ئەپسۇسكى، ئۇتتۇردۇم پەللىنى.

    بىلىمەن: بوينۇڭدىن باغلاندىڭ،
    مىڭ لەنەت ئوقۇدۇڭ مەن گۇيغا.
    دەپ قالدىڭ ئىھتىمال: «كۆپ يىللار
    ئىجىل بوپ كەپتىمەن بىر ئۇيغا ...»

    نىمە دەپ تىللىساڭ، ھەق ماڭا،
    ياشىدىڭ بىر نىمەڭ كەم بولۇپ.
    ياشىدىم مەنمۇ ھەم پۇشماندا،
    ئالەمدە كەم نىمەم سەن بولۇپ!

    بالىلىرىڭ «تاغا» دەپ توۋلىسا،
    خورلۇقتىن تىن تارتماي قالىمەن.
    تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالساڭمۇ،
    گاچا بوپ تىلىمنى چالىمەن.

    ئاسمانغا قارايمەن ئاخشامدا،
    كۆزلىرىم تالغىچە يوقسۇنۇپ.
    تۈنلىرى بىدارمەن ئۇيقىدىن،
    چوغدىكى قىل كەبى تولغۇنۇپ.

    كۈندۈزى گويا مەن گۇناھكار،
    يۈرىمەن كۆتۈرمەي بېشىمنى.
    زىمىنغا ئاقتۇرۇپ تۈگەتتىم،
    ۋەسسالام. كۆزدىكى يېشىمنى.
        
    ★★★★★

    يىغلىسام ياش چىقماس كۆزۈمدىن،
    كۆك گۈمبەز تار كېلەر نالەمگە.
    ئۆزۈمدىن ئۆتكەن - دە، نېمە دەي،
    تەڭشىمەس بىۋاپا ئالەمگە.

    ★★★★★


    **************************************
    (مەنبە: «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1992-يىللىق 1-سان)
    بۇ شېئىرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    **************************************


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: