版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34697657.html

    ماھىيەت قەيەردە؟


    توماس نېگىل (ئامىرىكا)


    (بۇ ماقالە خەنزۇچە ‹دۇنيا پەلسەپەسى› ژورنىلىنىڭ 2003  - يىللىق 3  - سانىدا ئىلان قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى. ماقالىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىكى ماۋزۇسى: 《什么是客观性》بولۇپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرىپىدىن مەزمۇن ئىتىبارى بىلەن ‹ماھىيەت قەيەردە› دەپ ئۆزگەرتىلدى.  تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل ئابدۇۋاقى)


    بۇ ماقالىدە پەقەت بىر مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
    دۇنيادا بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدە كۆز قارىشى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئوبىكتىپلىقى قانداق قىلغاندا بىرلىككە كېلىدۇ؟
    بۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ قاراشلىرى دۇنيانى ئۆزىگە قانداق سىغدۇرىدۇ؟
    بەلگىلىك ئىقتىدارغا ئىگە ۋە كۈچلۈك سىقىلىش ئىچىدە ئاشۇ ئالاھىدە نۇقتىئىنەزەردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ھەم دۇنيانى بىر پۈتۈن سېستىما سۈپىتىدە تەپەككۇر قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم بۇ مەسىلىگە ئورتاق يۈزلىنىدۇ.
    گەرچە بۇ بىر مەسىلە بولسىمۇ، لىكىن نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان.
    بۇنداق ئىككى خىل قاراشنى مۇرەسسە قىلىش قېيىن.
    بىرى: قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى - تۇرمۇش.
    يەنە بىرى: قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى - ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدە.
    بۇ قاراشلار  ئەخلاق، بىلىم ، ھۆرلۈك، ئۆزلۈك ھەتتا قەلب بىلەن ماددىي دۇنيانىڭ مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئەڭ ئاساسىي مەسىلە.
    بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەن جاۋابىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىزنى، ئۆزىمىزگە بولغان تونۇشىمىزنى، ھاياتىمىزغا، ئىش  - ھەرىكەتلىرىمىزگە، ھەتتا باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىمىزنى بەلگىلەيدۇ.  مانا مۇشۇ يىپ ئۇچىنى ئاساس قىلىپ، كۆپلىگەن پەلسەپە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى چۈشىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چېقىشنى ئۈمىد قىلدىم. باشقىلارمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى تەبىئىي ھىس قىلىشى مۈمكىن.
    ئەگەر كىشىلەر ئىچكى نۇقتىئىنەزەر بىلەن تاشقى نۇقتىئىنەزەر ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نۇقتىئىنەزەر تەرەققىي قىلىش ۋە تۈزىتىلىش ئارقىلىق يەنە بىر خىل نۇقتىئىنەزەرگە ئۇيغۇنلىشىشى كىرەك. ھەم ئۇلار بىرلىشىش جەريانىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ھەركىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. مېنىڭ  بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى بايانلىرىم يۇقۇرى دەرىجىدە بىرلىككە كەلمىگەن.
    مېنىڭ تەشەببۇسۇم  مۇنداق:  كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن دۇنيا قاراشنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قوغلۇشۇش - دائىم دىگۈدەك پەلسەپەۋىي خاتالىقنى، ھەتتا ساختا ئەسلىگە قايتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياكى بەزى ھەقىقىي نەرسىلەرنى ئىتىراپ قىلىشنى چەتكە قېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    شۇنداق بولسىمۇ ئامال قىلىپ، دۇنيانى چۈشىنىش بىلەن ياشاشنىڭ ئۇسۇلىنى تەسۋىرلەشكە تىرىشىمىز. بۇ خىل ئۇسۇل مۇرەككەپ جانلىقلارغا ماس كېلىدۇ. ھەم تەبىئىي بىرلىككە كەلگەن نۇقتىئىنەزەرلەردىن خالى. ئۇ تولىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن تىرىشىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مەن ئىچكى نۇقتىئىنەزەر بىلەن تاشقى نۇقتىئىنەزەرنى ياكى سوبىكتىپ نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئوبىكتىپ نۇقتىئىنەزەرنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتىم.  شۇڭلاشقا ئۇلارنى  بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان ۋاقىتتا  بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرلىككە كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمىغاندا، تېخىمۇ ئېنىق ھالدا ئىقرار قىلىش كىرەك. بىزنىڭ ئېرىشكەن نەرسىمىز - ئىككى خىل مۇناسىۋەتلىك نۇقتىئىنەزەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر، بىر خىل تەڭشەش بىلەن ئۇلارنىڭ كەمتۈكلىكى ئوتتۇرىسىدىكى سىناق بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۇنيا قاراش ئەمەس. 
    كۈچلۈك ھاياجان  - بىر خىل ئىجادىي كۈچ. شۇنداقلا بىر خىل بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى كۈچ.
    مېنىڭچە، تۇرمۇشقا ۋە دۇنياغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىش تەبىئىي بىر ئىش بولۇپ، نۇقتىئەنەز بىلەن قىيىن مەسىلە ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قىيىن مەسىلىنى بولسا  بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قارشى توسقۇنلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان.  مېنىڭ قارىشىمچە، بەزى گاڭگىراشلار، مەسىلەن : ئەركىنلىك، بىلىم ۋە ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى گاڭگىراشلار، بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت.  بۇ خىل گاڭگىراش تىل ياكى ئىدىيەدىكى خاتالىق ئەمەس.
    كانت بىلەن ۋىتنىگىستىننىڭ ‹ساپ›لىق چۈشەنچىسىگىمۇ يەتمەك تەس. ئۇلارغا نىسبەتەن ئەقىل ۋە تىلنى ئىشلىتىشتە خاتالىقتىن ساقلانغاندىلا، بۇ خىل مەنىۋىي ساپلىققا يەتكىلى بولىدۇ.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ ماقالىنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: