版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34688707.html

    *********************
    گۇمنام رۇبائىيلىرى
    *********************
     

    (1)
    گۇمنام ھەي ھەي سەرۋى خۇرامان ئۆتتى.
    ئاشىق ياقاسى چاك بى دامان ئۆتتى.
    گۈل خەند قىلىپ ئېلگە تۇرۇپ سۇندى ئاياق،
    تەئجىل ئەيلەگىل ساقىئى دەۋران ئۆتتى.

    (2)
    گۇمنام گۈلۈڭ مەۋسىمى بوستان ئۆتتى.
    ھەيف ئۈستىگە ھەيف ئىشرەتى مەستان ئۆتتى.
    يالغۇز سەن ئېمەس گۈل يوقىدىن يىغلاغالى،
    بۇ دەرد ئىلە مىڭ بۇلبۇلى دەرمان ئۆتتى.

    (3)
    گۇمنام يۈگۈر شەرابى ساقى ئۆتتى.
    جان تىرگۈزە كۆركى ئۆمر باقى ئۆتتى.
    سەن كىمگە قىلۇرسە سەجدەئى بەندەلىكىڭ،
    قەۋسەين زوھۇرى قاشى تاقى ئۆتتى.

    (4)
    گۇمنام قايان قارايسە جانان ئۆتتى.
    زۇلمەت قاچتى مىھرى دەرەخشان ئۆتتى.
    ئەمدى نەچە قان يىغلاغانىڭ فايدەسى يوق،
    ئوتدەك قىزارىپ لەئلى بەدەخشان ئۆتتى.

    (5)
    گۇمنام يۈرەك تەختىنى قوي خان ئۆتتى.
    تىرگۈزگەلى جىسمىڭنى مەگەر جان ئۆتتى.
    مىڭ جىلۋە قىلۇر ھۆر-پەرى فايدەسى يوق،
    تۇرماي قاراغۇنچە كۆڭلۈم ئالغان ئۆتتى.

    (6)
    گۇمنام كۆزۈڭ قايدا ئىدى يار ئۆتتى.
    بۇلبۇلى نالان ئالدىدا گۈلزار ئۆتتى.
    بۇلبۇلى يوق گۈللەر نېمە ئەفغان قىلادۇر،
    باغ ئىچرە كىرىپ ئول پەرى رۇخسار ئۆتتى.

    (7)
    گۇمنام ئېگىل خەلق ئېگىلمەي كەتتى.
    زۇلفى ئۇچىغە كۆڭلى چىگىلمەي كەتتى.
    قۇش ئۇچتى ئانى تۇتماق ئېرۇر بەس مۈشكۈل،
    ھەم ئۆرگەنمەي، يىپقا بەكىلمەي كەتتى.

    (8)
    ئەي گۇمناما يالغان ئۆتۈپ چىن كەتتى.
    دۇنيانى تىلەپ تاپمادى ئېلدىن كەتتى.
    ئىنكار ئېلىدىن كۆزۈڭنى يۈم، باقما ئاڭا،
    كىم باقتى ئاڭا دىدەئى ھەق بىن كەتتى.

    (9)
    گۇمنام يۈگۈر ئەكمەلى ئىنسان كەتتى.
    كۆڭلۈڭ سەدەفىن تۇت لەبى نەيسان كەتتى.
    مىڭ جانىغە بىر قەترە سۈيىن كىم ئالدى،
    جان قىممەتۇ ئول قەترە سۇ ئەرزان كەتتى.

    (10)
    ئەي گۇمناما يۈگۈركى ھەمرەھ كەتتى.
    يالغۇز يۈرۈگەن ئېل ھەمە گۇمرەھ كەتتى.
    كۈندۈزنى قويۇپ كەچە يۈگۈرماق نە ئاسىغ،
    بەختىڭگە سەنىڭ كۆك نۇرىدىن مەھ كەتتى.

    (11)
    ئەي گۇمناما پاكى زەمىران كەتتى.
    ئوقبا تەرەفىگە گوشەگىران كەتتى.
    ياتما قوپا قوي نىجىس جەھان ئۈستىدىن،
    پاك ئەيلەدى جانۇ تەننى پىران كەتتى.

    (12)
     ئەي گۇمناما مەي كۈچىدىن غەم كەتتى.
    لەب خەندە قىلىپ كۆز لەبىدىن نەم كەتتى.
    دىل گوشەسىدە بەھىشت يادى كەم ئىدى،
    كۆرگەچ يۈزىنى قالمادى ئول ھەم كەتتى.

    (13)
    گۇمنام يۈگۈر نايىبى فۇرقان كەتتى.
    مۇسھەف يۈزىدىن چۈن خەتى قۇرئان كەتتى.
    جان يوق بۇ تەنىڭ نەچۈك يۈرۈر ئالەم ئارا،
    يار ئارقاسىندىكى جىسمىدىن جان كەتتى.

    (14)
    گۇمنام يۈگۈركى مەيفۇرۇشلار كەتتى.
    ئىلكىدە سەفالى دەردنوشلار كەتتى.
    مەست ئولدى يىقىلدى فەنا تۇفراغىغە،
    بۇ گۈلباغدىن شۇرۇ تاۋۇشلار كەتتى.

    ****************************************
    (مەنبە: «بۇلاق» 1981 - يىللىق 3 - سان)
    (بۇ رۇبائىيلارنى باشقا تور بىكەتكە يوللاشقا بولمايدۇ)

    ****************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: