版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34685980.html

    ئۇيغۇر شائىرى
                                دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن (1938-2005)



    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىرى، ئاتاقلىق ژورنالىست ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىئون دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن 1938 – يىلى 5-ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سۈيدۈڭ ناھىيەسىدە زىيالىي، شائىر ياسىن خۇدابەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
    دولقۇن ياسىن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى غۇلجا شەھرىدە ئالغان،
    1953-يىلى 8-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كېرىپ، ئۇنى 1956-يىلى 7-ئايدا ئەلا دەرىجىدە تۈگەتكەن.
    دولقۇن ياسىن 1956-يىلدىن 1961-يىلغىچە تاشكەنتتىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى» تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىنىڭ ژورنالىستلىق بۆلۈمىدە ئوقۇپ، قىزىل دىپلوم بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.
    1961-يىلدىن 1963-يىلغىچە ئۇرۈمچىدىكى «تارىم» ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
    1063-يىلدىن 1968-يىلغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ «قارىمۇقچە» قاتارلىق يېزىلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان.
    1968-يىلى 10-ئايدا موڭغۇل يىگىتى ئەركىن بىلەن چېگرا ئاتلاپ ئالمۇتاغا-قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن.
    دولقۇن ياسىن 1969-يىلدىن باشلاپ ئالمۇتادىكى «يېڭى ھايات» ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى رىداكسىيەلىرىدە 1999-يىلغىچە ئىشلىگەن.
    دولقۇن ياسىن 1999-2000-يىللىرى ئۆزى باش مۇھەررىر بولۇپ، مۇستەقىل ھالدىكى «يېڭى زامان» گېزىتىنى نەشىر قىلدۇرغان.
    شائىر دولقۇن ياسىننىڭ تۇنجى شېئىرى 1954-يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى» (ھازىرقى «تارىم») ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ قازاقىستاندا «تاش ئاستىدىكى گۈل»(1973-يىل)، كېيىن ئۇنىڭغا ئۇلۇشۇپ، «چىغىر يوللار»(1971)، «ھايات قوڭغۇرىقى»، «يەر ئاۋازى»(1982-يىل)، «ئۇپۇقلار»(1988-يىل)، «ئانا يەر مىھرى»، «گۈلنارەنىڭ دوستلىرى» بولۇپ، ئوندىن ئارتۇق كىتاب، ئونلاپ داستان ۋە مىڭدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ھەر خىل تىمىلاردىكى شېئىر ۋە ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان.
    2003-يىلى ئالمۇتادىكى «ئۇش قىيان» نەشرىياتى شائىر دولقۇن ياسىننىڭ ئېلان قىلىنمىغان يېڭى شېئىرلىرىنى ئاساس قىلغان تۆت يۈز بەتتىن ئوشۇق «تەشنالىق» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان. بۇ توپلام ئاساسەن لىرىك شېئىرلار، باللادا ۋە داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
    دولقۇن ياسىن ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋەتەن، مىللەتنىڭ غەم-قايغۇسىنى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەشنى، ھايات، تەبىئەت، ئىنسان، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى كۈيلەشنى ئاساس قىلغان ھەم ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۈيلىيەلىگەن ئىستىداتلىق شائىر ئىدى.دولقۇن ياسىننىڭ شېئىرلىرى ئىنگىلىز، رۇس، قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك ۋە قاراقالپاق تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.
    2004-يىلى ئۇنىڭ «يەر ئوغلىمەن» دېگەن كىتابى موسكۋادا رۇس ۋە ئىنگىلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان.
    شائىر دولقۇن ياسىننىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيىتى ئاساسەن ئۆتكەن 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشۇلغان چوڭ تۆھپە بولۇپ، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئىنقىلابىي مەزمۇن، ھەر خىل شەكىل، يېڭىچە تىمىلىرى، ئۆزىگە خاس پەلسەپەۋىي پىكىرلىرى ۋە نازۇك لىرىكىلىق ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن يېڭى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە زور ماھارەت كۆرسەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ شېئىرىيىتىمىزدە تۇتقان ئورنى ئالاھىدىدۇر.
    شۇنىڭ ئۈچۈن 2003-يىلى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىبايىۋ نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيەسى شائىرنىڭ 65 ياشقا كىرگەنلىكىنى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقىنى قۇتلۇقلاشقا بېغىشلانغان پائالىيەتتە موسكۋادىن كەلگەن بەش كىشىلىك مۇكاپاتلاش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى  تارىخ ۋە تىل-ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ ئاكادىمىك، فىراپپىسسور ۋە دوكتورى روستان رەخمان ئاليىۋنىڭ دولقۇن ياسىنغا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇزلۇق مىدالىنى بېرىش نۇتقىدا «دولقۇن ياسىن-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى» دەپ ئېيتقىنى بىكار ئەمەس.
    دولقۇن ياسىن ئاباي قۇنانباي، ئا.پۇشكىن، ئا.توۋاردوۋىسكىي، رەسۇل گامزاتوۋ ۋە ئولجاس  سۇلايمانوپقا ئوخشاش كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
    دولقۇن ياسىن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك خالىس، پىداكارانە خىزمەتلىرى، ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئامىرىكىدىكى «پەن، مائارىپ، سەنئەت، سانائەت ئاكادىمىيەسى» نىڭ ئاكادىمىكى، «نوبېل مۇكاپاتىغا 100 يىل» ئالتۇن مىدالىنىڭ ساھىبى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى «ئىلياس جانسۇ گوروۋ» نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ لائۇرىياتى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتى قاتارلىق شەرەپلىك ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن ئىدى.
    شائىر 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. مەرھۇمنىڭ جەسىدى ئالمۇتا «دۇرۇجبا» ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
    شائىر دولقۇن ھاجى ياسىن ئوغلى بىر قىز، ئۈچ ئوغۇل پەرزەندنىڭ ئاتىسى ئىدى.

    *****************************************
    بۇ ماقالىنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    *****************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: