版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35613704.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن شېئىرلىرى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    مەن  ئۇيغۇرمەن


    مەن - ئۇيغۇرمەن بەختىم پۈتۈن تۇغۇلغان،
    تارىختا بىر يۇلتۇز بولۇپ تونۇلغان.
    ۋادىلاردا تولۇپ ئاققان دەريايىم،
    يىللار ئېشىپ، چۆللەر ئارا سوغۇلغان.

    دەۋر سۈرگەن شۇ بەختىيار چاغلاردا،
    غۇرۇرلۇقۇم كۆچكەن بەلكى تاغلارغا،
    سېخىلىقىم، ساخاۋىتىم چېچىلىپ،
    قالغىنى راست ئېتىزلارغا، باغلارغا.

    مەن - ئۇيغۇرمەن، قىممەت كۈلكەم يېشمدىن،
    ئۆتكەن ئۈچۈن تالاي قىسمەت بېشىمدىن.
    رەنجىمەيمەن تەلەيلىكلەر كۆرسىمۇ،
    كۆرمىگەندەك ئۆتۈپ كەتسە قېشىمدىن.

    يوللار ئۇزاق، مۈشكۈل ئىكەن سەپىرىم،
    ........................
    ........................
    ........................

    مەن - ئۇيغۇرمەن. ئۆزلۈگۈم بار، ئۆزۈم بار،
    دار ئالدىدا ئېيتقۇچىلىق سۆزۈم بار.
    تارىخلارغا توپا چاچماق نە كېرەك؟
    كىملىكىمنى كۆرگۈچۈلۈك كۆزۈم بار.

    تەڭرى تېغى - مىسلى ئالتۇن قالقىنىم،
    ئۆلمىگىنىم ئۇندا ئۆلۈپ ياتقىنىم،
    ئەۋلادلارنىڭ جاسارىتىن قوچاقلاپ،
    ۋەتەننىڭ بىر تېشى بولۇپ قاتقىنىم،

    مەن - ئۇيغۇرمەن، ئوچۇق قولۇم - ئالقىنىم،
    بەرگىنىمدىن ئازدۇر ھامان ئالغىنىم،
    گۈدەكلەردەك ئىشەنگەك، شۇ تۈپەيلى،
    لېۋىم چىشلەپ ھەم ئالدىنىپ قالغىنىم،

    بۇ ئالەمدە ئامەت نېسىپ ھەركىمگە،
    قويۇلغانكەن مېنىڭ بەختىم گۆرۈگە،
    ........................
    ........................

    مەن - ئۇيغۇرمەن، ئىمان بىلەن گېزەكمەن،
    تارىخ قەسرى ئىچرە بىر تال تېرەكمەن،
    ئانا ۋەتەن قۇچىقىدا كۈچلىنىپ،
    ئايرىلغاندا زېدە بولغان يۈرەكمەن.

    مىڭ ئۆلسەممۇ تىرىك، ئۆلدۈم دېمەيمەن،
    دوستقا مەڭگۈ ئۆمۈر، ئامەت تىلەيمەن،
    دۈشمىنىمگە ئاتاپ قويغان خەنجەرنى،
    ئىنتىقامنىڭ بىلىيىدە بىلەيمەن.

    مەن - ئۇيغۇرمەن، ئۆملۈك بىلەن كۆكەرگەن،
    چېچىلغاندا قودرىتىمنى يۈتتەرگەن،
    بىر قولۇمدا ئۈمىدۋارلىق مەشئىلى،
    جاسارەتنى بايراق قىلىپ كۆتەرگەن.

    بىر قولۇمدا قارغۇ تاقەت جامى بار،
    ئۇ پەپىلەپ غۇرۇرۇمنى ئوخلىتار.
    ئۆزىگە خەسىس، ئۆزگىلەرگە سېخىلىق،
    مېنى غەپلەت ۋادىسىدا يوقىتار.

    مەن - ئۇيغۇرمەن، بىر ناننى تەڭ بۆلۈشكەن،
    دوستلارنى دەپ مەيدانلاردا ئۆلۈشكەن.
    قېرىنداشلار يىغلىغاندا يىغلىشىپ،
    كۈلكىسىنى ئۆزەمنىڭ دەپ كۈلۈشكەن.

    مەن - ئۇيغۇرمەن، ئەجدادلىرىم خاقانى،
    بىرى ئۆلسە ئاراچ قويماس قاتارنى.
    مىڭ ئەپسۇسكى، ئۆتمۇش بىلەن ماختىنىپ،
    ئۆتكەزگىنىم راستمۇ تالاي خاتانى.

    مەدھىيەنى يازماس شۇڭا قوللىرىم،
    مىڭ تەرەپكە ئۇچ ئەپ كەتتى يوللىرىم.
    قېنى مېنىڭ مىڭ تەرەپتىن بىر ياققا
    دەريا بولۇپ ئاققان مېنىڭ خۇنلىرىم؟

    مەن - ئۇيغۇرمەن، سۆزدە بىرلىك سۆزلىگەن،
    ئىناقلىقنىڭ ئۈلگۈسىغۇ بىز دىگەن.
    ئەسلىدىچۇ؟ يالغۇز قالغان تۇرنىدەك،
    چەكسىز ئاسمان ئۆزرە توپتىن ئىزدىگەن.

    تەسەللىگە تولغان ئۈچۈن ۋۇجۇدۇم،
    كۆزلەرنىمۇ كۆرمەس قىلدى تولۇپ قۇم.
    ئاتاي دېسەم غەپلەت، ئاپەت قەسرىگە،
    پاراسەتتىن ياسالغان يوق بىر ئوقۇم.

    مەن - ئۇيغۇرمەن، ناخشا - سازغا مەھلىيا،
    جۆر بۇپ ناخشا ئېيتار ھەتتا ئەۋلىيا،
    زۇلمەتنىمۇ يورۇتقاندەك تۇيۇلار،
    ناخشا گويا چاچقان كەبى نۇر - زىيا.

    ناخشا ئوخشاش ئۆتمەس ھايات يىراققا،
    كۆڭۈللەرنى تولدۇرغاچقا پىراققا،
    شۇڭا جاۋاب بەرمەك قىيىن: «نېمىشقا
    ناخشاڭدىن سەن ئاجىز؟» دېگەن سوراققا.

    مەن - ئۇيغۇرمەن .............
    يۇرتۇم چەكسىز................؟
    خۇشتار بولغان كۈيلىمەككە ئەزەلدىن،
    بىر ئاجايىپ ۋەتىنىم بار، ........

    مەن - ئۇيغۇرمەن، كۈلكەم قىممەت يېشىمدىن،
    تالاي قىسمەت ئۆتكەن ئۈچۈن بېشىمدىن.

    (ئىزاھات: كۆپ چىكىت قويۇلغان ئورۇنلار خاتىرەمدىن ئۆچۈپ كېتىپتۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ھىجران


    - قايغۇنى، شاتلىقنى، كۆز ياشلىرىنى
    بىر سۆزدە ئىپادە قىلارمۇ ئىنسان؟
    - ئاختۇرغىن ئانىلارنىڭ قەلب لۇغىتىنى،
    ئالەمدەك بىر سۆز بار. بۇنى دەر: ھىجران!

    ئوۋچىنىڭ ئوقىدا ئانىسى ئۆلگەن
    كىيىك بالىسىنىڭ كۆزىدە ھىجران.
    نەگىدۇر، نامەلۇم جايغا كۆمۈلگەن
    سولدات ئانىسىنىڭ يۈزىدە ھىجران.

    ئانا ۋەتەندىن ئۇزاقلاپ پەرزەند
    ناتونۇش ئەللەردە بولسا باغرى قان
    ئۇنىڭ مۇڭ - زارىنى سىغدۇرار پەقەت
    ئېغىر ۋەزنى بىلەن بىرلا سۆز: ھىجران!


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: قازاقىستان «يازغۇچى» نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇتلۇق دىيار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ شېئىرلارنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    شائىر دولقۇن ياسىن ئۇچقۇننىڭ تەرجىمىھالى
    logs/34685980.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    رۇخسىتىڭىز بىلەن مەن ئۇيغۇرمەن دېگەن شېئىرنى ئۇيغۇرىيە بىلوگىغا چىقارسام بولامدۇ؟
    ketmenbay回复 ئۇيغۇرىيە说:
    weeleykum essalam! jawabim kecikip qaldi, kecurung!
    yaqturghan bolsingiz uyghuriye blogigha ciqirip qoyung. uyghuriye blogi men eng yaxshi koridighan bloglardin biri.
    2011-02-24 19:43:03
  • مەن - ئۇيغۇرمەن، كۈلكەم قىممەت يېشىمدىن،
    تالاي قىسمەت ئۆتكەن ئۈچۈن بېشىمدىن.
    ئىككى مىسرا بىلەن يۇرەكنىڭ قىتىدىكى پۇتۇن گەپنى تاماملاپتۇ ، قەلەم قۇۋىتىگە بارىكاللا!