版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35614458.html

     

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئەجەم ناۋاسى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    خەلىل ھەمرايىۋ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    قوي، جۇنۇننى ئېيتمىغىن، باغرىمنى يۈز پارە قىلىپ.
    چال ئەجەمنى، خۇش بولاي دوست، بىر ئامال - چارە قىلىپ.

    ياڭرىدى ئەجەم ناۋاسى بىر سېھىرلىك كۈي بىلەن،
    تۈننى - گۈلزار، تاغنى - تۇلپار، ئاينى - بىر لالە قىلىپ.

    ئۈركىگەك بەرنا كىيىك ھەم ئىنتىلىپ بى ئىختىيار
    يوشۇردى كۆز ياشىنى كىرپىكىنى سايە قىلىپ.

    ھەتتا قىرغا چىقتى سۇ پەرىسى دەريا ئاستىدىن،
    تۇتتى مەرمەر كۆكسىنى ئۇ بىر نەپەس نالە قىلىپ.

    مەن ئەجەم ئۆركىشىگە سېلىپ خىيال قولۋىقىنى
    زور ناۋا مۇھىتىدا ئۈزدۈم راسا سەيلە قىلىپ.

    يەتمىدى، يېتەلمىدى ھەمرا ئۇنىڭ باش - ئۇچىغا،
    ۋە لېكىن ئالدى غەزەلگە ئىلھامىنى زوھرا قىلىپ.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: قازاقىستان «يازغۇچى» نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇتلۇق دىيار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    شائىر خەلىل ھەمرانىڭ شېئىرلىرىنى شائىرنىڭ ئۆز ئاۋازىدا تۆۋەندىكى مەنزىلدىن ئاڭلاڭلار:

    http://koch-koch.ucoz.ru/forum/8-23-1
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    شائىر خەلىل ھامرا 1928-يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھرىدە دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1930-يىللارنىڭ بېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە 1956-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشىغان. ئۇ 1944-يىلى ئىلى گىمنازىيەسىدە ئوقۇغان. 1956-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قازاقىستان پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى تۈگەتكەن.
    شائىر خەلىل ھەمرانىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى، ئۇ ئىلى گىمنازىيەسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «ئازاد زامان» قاتارلىق ناخشا تىكىستلىرى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. قازاقىستاندا ئۇنىڭ «يۈرەك سىرلىرى»، «ئىلى بويىدىكى ناخشىلار»، «دالا يۇلتۇزلىرى»، «جاسارەت»، «گۈلەمخان» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

     

     

     

     

     



    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: