ئابدۇخالىق.ئۇيغۇر.غەزەللىرى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:ئەدەبىيات   2009年02月23日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35616612.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر غەزەللىرى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىزگە بىر كۇن كۆپ جاپا باردۇر؟
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۇن كۆپ جاپا باردۇر؟
    ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟

    جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
    بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

    ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۇلنى قويمىدۇق بىزلەر،
    ئوقۇرمىز - ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

    تەئاۋۇنۇ - تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
    يېڭىدىن باش كۆتۇرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.

    يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۇشكۇل،
    ئەگەر بىر يەردە توي بولسا بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.

    ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
    زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.

    بىرى  بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
    ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.

    ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىم كەلسە تاپالماسمىز،
    چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

    قىرىنداشلىق، بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
    مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

    خاتائەن دوستىمىزدا بىرەر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،
    يۇشۇرماي يەنە بىرگە ئوننى قاتقانىمىز باردۇر.

    بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
    تۇرۇپ غەپلەت - جاھالەتتە تېخى پو ئاتقانىمىز باردۇر.

    كىرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۇچۇن جاننى بىز پىدا قىلدۇق،
    ۋە لىكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

    ئويۇن - چاقچاق تۇپەيلى ئۆز - ئارا بىئەپ بۇلۇپ قالساق،
    ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە؟ ئاراغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

    خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
    قۇۋلۇق ھەم شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ - رەڭ يالغانىمىز باردۇر.

    «ئىت ئۇرغاننى تونۇر» دەپ بىزدە بار ئىدى تەمسىل،
    لويى ئامبال ۋە دارىن دەپ  سەمىز باققانىمىز باردۇر.

    ئىلىم-پەنگە يۇرۇش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۇزەر سۇدا،
    مىنىشكە يوق قوتۇر ئىشەك، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

    گۈكىرەپ كەلسە ئاپتومبىل، نىمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،
    ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

    ھۇنەر بىلەن سانائەتتە «يىتىشتۇق» ئەمدى ئىش پۈتتى،
    ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قويغانىمىز باردۇر.

    مىسلى جەننەت تاغۇ - دەريانى بىزەشكە يوق ھېچ كىشى،
    ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

    مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
    يوغان سەللە،  نەپسى بالا موللىمىز - سۇلتانىمىز باردۇر.

    قىزىل كۆزلۈك، كۇرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
    قىلاي دەپ باغلىسا كىم بەل تۇمەن بوھتانىمىز باردۇر.

    ئەل - يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
    كىلۇر بىر كۇن شۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

    ئابدۇخالىق بولدى قىل، ئاۋارە بولما، قاقشىما،
    شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازاپقا تەييار  ۋىجدانىمىز باردۇر.


    (1921 - يىل)


    چىراق

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    تۈننى كۈندۈزدەك قىلۇر خانەمدە گۆھەر بۇ چىراق.
    نۇرىنى ئالغان قۇياشتىن نۇرى جەۋھەر بۇ چىراق.

    قاپ - قاراڭغۇ كېچىلەردە بۇ چىراق نۇر مەنبەئىي،
    تۈندە ئازغان - تېنىگەننىڭ مەشئىلىدۇر بۇ چىراق.

    تۈندە ئۆچسە بۇ چىراق بولماس قەلەمنى ئالغىلى،
    قانچە يازسام تېخى قاينار تۈندە بۇ دەردۇ - پىراق.

    ئابدۇخالىق كۈن ۋە تۈنلەر ئۇيقۇدىن بىدارىسەن،
    خۇددى بىر پەرۋانە بول، كەتمە لېكىن نۇردىن يىراق.


    ئارمان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئەي گۈلۈم كەلگىن يېقىن، لۇتپۇڭ ماڭا دەركارىدۇر،
    شائىرىڭ بىسيار خەتەردە ھەم ئۆزى بىمارىدۇر.

    ئىشقى كويىدا مېنىڭ ھالۇ - كۈنۈم بولدى يامان،
    مۇنچىلىك ئاۋارە قىلغان ئاي يۈزۈڭ رۇخسارىدۇر.

    مۈمكىن ئولغايمۇ سېنىڭ ئىشقىڭدىن ھىچ يالتايمىغىم،
    بۇ خىيال مىڭ كەررە ئۆلمەكتىن يامانراق كارىدۇر.

    بىر بېقىپ، ئىككى قاراپ ئوتقا گىرىپتار ئەيلىدىڭ،
    ئەمدى باقمايسەن قاراپ، باقسام دىلىڭ ئەغيارىدۇر.

    ساڭا لايىقمۇ غېرىپ بىچارىگە قىلماق جاپا؟
    قىلىغىڭغا جان پىدا، كەيپىم ئەجەپ خۇمارىدۇر.

    سەن بۇ دىلنى خەستە قىلما، ھىچ كېلىشمەيدۇ ساڭا،
    زۇلمى قىلماقلىق ساڭا ھىچ بىر يېپىشماق ئارىدۇر .

    قىلما ناز قىيناپ مېنى، جانىم كەرەم ئاچقىل ماڭا،
    جان خەتەرلەر خەۋپىدە، كۆڭلۈم تەلەپ دىدارىدۇر.

    ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرۈپ ئۆلسەممۇ ئارمان قالمىغاي،
    كەلمىگەي تەرىپكە تىل، كۆڭلۈم بەسى ئاۋارىدۇر.

    ئاڭلىغاچ بۇ زارىمنى كەلگەيمۇ ئىنساپقا پەرى،
    چۈنكى ئاندا بىر مىجەز بار زالىمى خۇنخارىدۇر.


    ياز تۈنى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ياز كۈنى كۈندۇر قىزىق، بولغاي ھاۋا ئىسسىقتا تار،
    ھەر كۈنى ئاخشامنى كۆپ جان خالىغاي بى ئىختىيار.

    تۈندە ھەر كىم ئۆگزىسىدە تاغ شامالىغا قاراپ،
    «كەل، جېنىمنىڭ راھىتى» دەپ تەلمۈرەر بەك ئىنتىزار.

    كۆك يۈزى ساپ، ئاندا يوق داغ، بارچە يۇلتۇزلار يىراق،
    شۇ يىراقتىن نۇر يېقىنلاشقانغا ئوخشاش پارقىرار.

    ھەر كىشى بىر خۇش ھاۋا ئاستىدا خۇشھاللىق ئىلە
    گەپلىشىپ يانىدا يولداشى بىلەن كۆڭلىن ئاچار.

    بۇ غېرىپ شائىر ياتار يالغۇز ئۆزى كۆككە قاراپ،
    كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار ...

    ئايرىلمىغىل
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن دوستلىرىم ئايرىلمىغىل،
    ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.

    مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
    تاغۇ - تاش، دەريا، ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.

    ئات ئۆزۇڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
    شىر ۋە ھەم يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.

    تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
    ئېلىشىپ قانغا بويال، نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

    كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
    بۇ نىچۈك بولغاي كېيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل.

    سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
    بول جەسۇر ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.

    ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار ئالماي قېلىپ،
    ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ غەزەللەرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: