版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35615849.html

    *****************
    تەنھا قېيىق
    ****************


    مۇختار مەخسۇت
    *****************


    ساھىلدا تۇرىدۇ تەنھا بىر قېيىق.
    داتلاشقان قۇزۇققا باغلاقلىق مەھكەم.
    ئۇ بۇندا تاشلىنىپ ياتقىلى نىكەم،
    ئاستىدا لاتقىلار بوغىدۇ دىمىق.

    يىراقتا، زەڭگەررەڭ دېڭىز يۈزىدە
    يەلكەنلىك كېمىلەر سويلايدۇ ئەركىن.
    يىگانە شۇ قېيىق تەلمۈرەر غەمكىن،
    ئۆكۈنۈش ياشلىرى ئەگىپ كۆزىدە.

    دولقۇنلار كېلىدۇ ئېيتىپ ئارىيە،
    يىتەكلەپ بارغىلى ئۇنى دېڭىزغا.
    نە ئامال بىچارە بۇ « تۇتقۇن قىز » غا؟
    غىچىرلاپ بىر ئاچچىق قىلىدۇ نالە.

    كېمىلەر ئۇپۇققا كەتتى يىراقلاپ،
    ئۇ تۇرار شاۋقۇنسىز ساھىلنى ساقلاپ.


    ***********************************************
    (مەنبە: «تىل - ئەدەبىيات» دەرسلىك. 8 - يىللىقلار ئۈچۈن 2- قىسىم)
    ***********************************************
    بۇ شېئىرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    *********************************
    شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان مۇختەر مەخسۇتنىڭ «تەنھا قېيىق»ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە «ئىلاھە چوققىسى» ناملىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
    مۇختەر مەخسۇت ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى
    .
    *********************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: