پولات.ھېۋىزۇللا.شېئىرلىرى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]
_べ Tag:ئەدەبىيات 2009年02月23日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35613892.html
**********************
پولات ھېۋىزۇللا شېئىرلىرى
**********************
گىياھتىن چۇقان
***********
ئادەملەر،
ئالدىمىدىم، ئالداندىڭلار.
شامالدا
سۇناي دىگەن ئاجىز تۇرقۇمغا.
بولمىسا
قالاتتىڭلارمۇ ھەيران،
تاشلارنى يېرىپ چىققان غالىپ جىسمىمغا.
قارىچۇق
***********
مىدىرلىماس قارىچۇق ئىدى ئۇ،
قېتىپ قالغان.
ئۇ كۆرەلىدى
دۇنيانى تۈگەل،
مەستتەك پىرقىراپ تۇرغاچقا دۇنيا ...
بۇ يەردە
***********
بۇ يەردە
چۈمبەلگە ئورىلىپ كىلەر مۇھەببەت،
بۇ يەردە
ئەخلاققا ئورىلىپ ياشايدۇ ھەممە،
ھەتتا رەزىللىك ...
مەن
***********
ئاۋارىمەن
بوغۇزلاپ ئۆزۈمنى
ۋاقىتنىڭ پىچاقلىرىدا.
ئادەملەر سوتلاپ يۈرەر،
ماختاپ يەنە جەسەتلىرىمنى ...
*************************************
(مەنبە: «بىر قىز قەلبىگە تىز سىزما».
شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.1996-يىل 9-ئاي. 1-نەشرى)
بۇ شېئىرلارنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
*************************************
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us