جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-فېۋرال خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن پىرىزدېنتى سالىھ 13-فېۋرال ئامېرىكا سەپىرىنى كېچىكتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجرانى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان.
يەمەن دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى پىرىزدېنت ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، پىرىزدېنت سالىھ 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكا سەپىرىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان. ئىككى دۆلەت كونكرېت زىيارەت ۋاقتىنى قايتىدىن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدىكەن.
ئىلگىرى، يەمەن ئۆكتىچىلىرى بۇلتۇر 10-ئايدا توختاپ قالغان ھۆكۈمەت بىلەن بولغان سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشقا قوشۇلغان.
شىنخۇا تورى 13-فېۋرال سانادىن خەۋەر قىلىشىچە، تەخمىنەن 3000 نەپەر نامايىشچى 13-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن پايتەخت سانادا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ھەمدە پىرىزدېنت مەھكىمىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان، بىر قىسىم ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنى توسقاندا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، بەزى نامايىشچىلار يارىلانغان، تەخمىنەن 120 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەن پىرىزدېنتى سالىھنىڭ 2013-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان ھەمدە يەمەن ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تۇققانلىرىنى يۆتكەپ كەتكەن شەرت ئاستىدا، سالىھنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوتتۇرىغا چىقارغان سىياسىي ئىسلاھات تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئېتراز بىلدۈرۈش ھەركەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلا ۋاقىتتا نامايىشتا تۇتۇۋالغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
يەمەن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان، 23 مىليون نوپۇسى بار، دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى، يەمەن ھۆكۈمىتى 2008-يىلى ئېلان قىلغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %35 بولغان، كېيىن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان، ئەمما ئاخبارات ۋاستىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %40 كە يەتتى دەپ خەۋەر قىلغان.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى، شىنخۇا تورى يەمەندە 12-فېۋرال ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پارتىلىدى