شىنخۇا تورى سانا 17–فېۋرال تېلېگراممىسى : يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ 17–فېۋرال كەچتە ، ئادېن ئۆلكىسىنىڭ خەۋپسىزلىككە مەسئۇل قوماندانى ، برىگادا گېنېرالى ئابدۇللا جىلاننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ، مايور گېنېرال سالىھ ئەلىنى جىلاننىڭ ئورنىغا تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
بىر نەپەر خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، يەمەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى خاردېي بىلەن ئادېن ئۆلكىسى خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بۇ ئىشنى ئېلان قىلغان ، ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى سالىھ ئەلىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقان .
17–فېۋرال ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نامايىشچى ساقچى تەرەپ ئاتقان ئاگاھلاندۇرۇش ئوقىدا قازا قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى نامايىشچى 16 –فېۋرال ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئوق تېگىپ قازا قىلغان .
يەمەن — ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ، 23 مىليون نوپۇسى بار ، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى . يەمەن ھۆكۈمىتى 2008–يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى % 35 دەپ ئېلان قىلغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان ، لېكىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك خەۋەر قىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، يەمەننىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى % 40 كە يەتكەن . 15–يانۋاردىن باشلاپ ، يەمەننىڭ پايتەخت سانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پارتلىغان .