مېھمانخانىنىڭ نازارەت قىلىش سىنئالغۇسىدىن ئېلىنغان سۈرەت . بۇ يىل 22–يانۋار ، ئاق كاستۇم–بۇرۇلكا كىيگەن ساۋۇد لېفتنىڭ ئىچىدە باندارنى مۇشتلىماقتا
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاھزادىسى ساۋۇد
ئەنگىلىيە سوتى 20–ئۆكتەبىر ساۋۇدنى لوندوندىكى بىر ھەشەمەتلىك مېھمان سارايدا ئۆزىنىڭ مالىيىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
بۇ يىل 2–ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاھزادىسى ساۋۇدنىڭ مالىيى باندال ئابدۇللانى مېھمانخانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان .
سوتچى سوراق جەريانىدا ساۋۇد ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن پايدىلىنىپ بىر ئادەتتىكى كىشىگە زۇلۇم سالدى دېدى.
ساۋۇد چۈشكەن بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ نازارەت قىلىش سىنئالغۇسى 22–يانۋار ئاق رەڭلىك كاستۇم كىيگەن ساۋۇد لېفىتقا چىققاندىن كېيىن باندالنى قاتتىق مۇشتلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن . 15–فېۋرال باندالنىڭ مېھمانخانىدا ئۆلگەنلىكى بايقالغان ، باندالنىڭ باش قىسىمى ۋە يۈزى ئېغىر زەربىگەن ئۇچرىغان ، بەدىنىنىڭ نۇرغۇن يېرى يارىلانغان ، كالپۇكى يېرىلغان، چىشلىر سۇندۇرۇۋېتىلگەن . ئەرز قىلغۇچى تەرەپ بۇ يارىلار ساۋۇدنىڭ ئۇرىشىدىن كېلىپ چىققان دېگەن.
ساۋۇد قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دېپلوماتىيە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار دەپ ھېسابلىغان . ئەمما ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاھزادىسى بولۇشتەك ئالاھىدە سالاھىيىتى ئۇنى ئەنگىلىيە قانۇنىنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى . 19–ئۆكتەبىر ئەنگىلىيە سوتى ساۋۇدنىڭ قىيناپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ھۆكۈم قىلغان.