چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر مۇيىسپىت جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى كۆرگەزمىسىنىڭ مەركىزىگە قويۇلغان دۆلىتىمىز ياسىغان CJ-1000A تىپلىق ماتورنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا «نەچچە ئەۋلاد ئاۋىياتسىيە خادىملىرى تەشنا بولغان بۇ ئايروپىلان ماتورى جۇڭگولۇقلارنىڭ پەخرى!» دېدى.
14-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى 21-چېسلادىن 24-چېسلاغىچە دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئاۋىياتىسيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان جۇڭگو چوڭ ئايروپىلانى ماتورىنىڭ 1:2 نىسبەتتە كىچىكلىتىپ ياسالغان مودېلى ‐‐CJ-1000A تىپلىق ماتور تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىنىپ، كۆرگەزمىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
مەنبە؛ " 163" خەۋەرلەر تورى.