يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 9-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان 47 نەپەر رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرلىرى بۇ تىزىملىكنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەمدە قېچىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى بەرسە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكى باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تېرورچىلاردىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق 5 نەپەر قوراللىق خادىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى « بازا » تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتكەن. بۇلتۇر 11-ئايدا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى مەبلەغ ۋە ئادەم توپلاپ تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغان 149 نەپەر گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.