رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف موسكىۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رۇسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى رۇسىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ، رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋار
لاۋروف 13–يانۋار رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ ، رۇسىيەنىڭ 2010–يىللىق دىپلوماتىيە نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى . ئۇ ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتى رۇسىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ، ئۇ رۇسىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىن تاللىشىنىڭ بىرى، رۇسىيە–جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ، ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، 12 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك رامكا ئاستىدا زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ، زۇڭلىلىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇردى . نۆۋەتتە ، ئىككى تەرەپ بارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىۋاتىدۇ ، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈۋاتىدۇ ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.
