
ئەنگىلىيەنىڭ Dorsetshire دېگەن يېرىگە يېقىن جايدا تۇرۇشلۇق Emma Rowley دوستلىرى بىلەن بىللە سەيلە قىلىۋاتقاندا ، يازنىڭ كىشىنى قاتتىق مۈگدەك باستۇرىدىغان مەيىن شامىلىنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن خۇش پۇراق تارقىلىپ تۇرغان ئەپيۇنگۈل(كۆكنار) ئېتىزىغا كىرىپ قالغان . ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹‹ تاسادىپىي بايقاپ قالغان بۇ ئەپيۇنگۈل ئۆستۈرۈش بازىسى ھەقىقەتەنمۇ خۇددى رىۋايەتلەردىكىدەكلا ئىكەن ، ناۋادا بۇ يەردە بەك ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالسىڭىز ، قاپىقىڭىز ئېغىرلىشىپ، ئەسنەشكە باشلايدىكەنسىز ھەم ئىنتايىن قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىدىكەنسىز››.


