«يۈزى يوق» دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە...
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق «يۈزى يوق ئادەم» دالاس.ۋېيئىنس كۆپ قېتىم تېرە كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى يۈز كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پەقەت ماس كەلگۈدەك «ئىئانە قىلغۇچى» بولسىلا دالاس ئامېرىكىدىكى يۈزىنى ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغان 3-كىشىگە ئايلىنىدىكەن. شۇنداقلا پۇراش سېزىمى ۋە قىسمەن سەزگۈ ئەزالىرى ئەسلىگە كەلتۈرىلىدىكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
2008-يىلى ئۇ تاغىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە مەلۇم چېركاۋنى ئاقلاش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتى تېيلىپ كىتىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. شۇنداقلا تامغا يېقىن ئەتراپتىكى يۇقىرى بېسىملىق كابېلنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۆتكۈزگۈچ سىم قىسقا تۇتۇشىشتىن ھاسىل قىلغان ئوت ئۇنىڭ يۈزىدە 4-دەرىجىلىك كۆيۈك يارىسىنى پەيدا قىلغان. پىشانە ۋە ئېڭىكىنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ، ئىككىلا كۆزى كۆرمەس بولۇپ، بۇرۇن ۋە ئېغىزىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان.
ئىگىلىنىشچە، ۋەقەدىن كېيىن دالاس 3 ئاي ھوشسىز ياتقان بولۇپ، دوختۇرخانىدا 6 ئاي داالانغان. دوختۇر ئۇنىڭغا 20 نەچچە قېتىم تېرە كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى ئىلىپ بارغان، بىراق ئۇنىڭ يۈزىدە يەنىلا كۆيۈك ئىزلىرى يوقالمىغان. نۆۋەتتە بوستون شەھىرىدىكى بىرىگخام ئاياللار دوختۇرخانىسى پەقەت مۇۋاپىق «ئىئانە قىلغۇچى» چىقسىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈز كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن