ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ھوللىۋود خانىشى - ئەنجىلىنا جۇلى

ۋاقتى:2011-02-20 03:36مەنبە: تەھىرىر:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
-ئارتىسلىق ھەرگىزمۇ ياسالمىلىق قىلىش ياكى يالغانچىلىق ئەمەس...
- بەزى كۈنلەر خۇددى ئەتىگىنى تۇرغاندىن كېيىن سېلىۋىتىدىغان ئۇخلاش كىيىمىدەك، ئاھ ئۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ...
- تاماشىبىنلارغا يېقىش ئۈچۈن ياسالملىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشىمنىڭ ھاجىتى يوق!
كىشىلەر ئۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
- ئۇنىڭ بەزى پىكىرلىرىنى ئاڭلىساڭ، خۇددى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان دېڭىزنى كۆرگەندەك بولۇپ، باشلىرىڭ قايىدۇ. ئۇنىڭ سەل–پەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بولۇق لەۋلىرى جىلۋىلەنسە، ئۇ سۆزلىمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزەڭنى يوقاتقاندەك بولىسەن. www.iz.la
- ئەنجىلىنانىڭ گۈزەللىكى ئىسىل شارابلارغا ئوخشايدۇكى، سەن ئۇنى ئىچىش تۈگۈل پۇراپلا ھەتتا يېقىنلىشىپلا مەس بولىسەن...
قويۇقلۇقى سەل ئاشسا جىنىڭنى ئالىدۇ؛ ئازراق تەبەسسۇم قوشۇلسا ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى جاھانغا تارايدۇ؛ سەل ئىچىلسا ئادەمنى يولدىن چىقىرىدۇ...
- ئۇ ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتىرگۈل، ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى تىكەنلىك ئازغان...
- ھوللىۋودنىڭ بۇ خانىشىنىڭ ئېتىكىگە ھەر خىل پىچاق، كىچىك تىپتىكى قوراللار، يىلان، قىزىل ھاراق ۋە خىل داڭلىق تاماكىنىڭ كۆتەكلىرى تولغان. سىز ئۆز كۆزىڭىزگە ئىشەنمىگەن ھالدا: مەن چوقۇنىدىغان ئەنجىلا جۇلى شۇمۇ؟ دەپ سورايسىز.

ئىز تورى بەك ياخشى


ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيۋاتقان كىنورلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئەنجىلىنا بار. بەزىلەر ئۇنى ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىنى ئالقىنىغا ئېلىۋالدى، دېيىشىدۇ. بۇ چاغدا ئاچچىقى يامان بۇ خانىش: كىم مېنى نېمىلا بولسا يەۋېرىدۇ دېدى، مەن پەقەت لوق گۆشكە ئامراق دەيدۇ. ئۇ تولىمۇ مەغرۇر، ئەزەلدىن بوينىنى ئەگمەيدۇ...
www.iz.la

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئۇ سولخاي
ئۇنىڭ ئىسمى بولغان ئەنجىلىنا جۇلىدىكى ئەنجىلىنا ئىتالىيە تىلىدىكى پەرشىتە دېگەن سۆزدىن، جۇلى بولسا فىرانسۇزچە گۈزەل دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ 72-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدىكى ئەڭ نادىر ئايال ئارتىس دېگەن نامنىڭ ساھىبى، 81-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدىكى ئەڭ نادىر ئايال ئارتىس نامزاتى بولغۇچى. 2008-يىلى، دۇنيادىكى ئايال چولپانلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىش، ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش، ئەڭ نوپۇزلۇق بولۇش ئىسىملىكىنىڭ 1-قاتارىغا تىزىلغان. ئۇ ئۈچ ئالتۇن شار مۇكاپاتى لوڭقىسىنى ئاكىسىغا، ئوسكار مۇكاپاتنىڭ لوڭقىسىنى ئانىسىغا تەقدىم قىلغان. ئەپسۇس بۇ لوڭقا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يۈتۈپ كەتكەن. ئۇ 1999-يىلى ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چاغدا، دوسىتلىرىغا:« مۇۋاپپەقىيىتىمىنى سۇغا سەكرەپ تەبرىكلەيمەن» دېگەن. دېگەندەك ئۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا قىممەت باھالىق كىيىملىرى بىلەن كۆلچەككە سەكرىگەن. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئەركىن ھەم تەبىئىي.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئۇ گەرچە ئۇ تاماق ئېتىشنى بىلمىسىمۇ ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن يەنىلا ئەڭ چىرايلىق ئانا دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
ئۇ يەنە ئامېرىكلىقلارنىڭ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە كۆپ قېتىم «ئەڭ نادىر ئايال جانباز چولپان» بولۇپ باھالانغان.
ئۇ people ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 50 ئايالنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
ئۇ ھەر قېتىم دېگۈدەك دۇنيادىكى ئەڭ جەلپكار 10 ئايالنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ.
ئۇ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ، ۋاكالەتچى شىركىتى يوق.
ئۇ تىل ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇ فىرانسۇزچە ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويمىغان، ھەتتا ئائىلىسىدىكى بالىلىرى ۋە ئېرى بۇراند پىتتىن تارتىپ ھەممىسى ئۆگىنىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئۇ ئۆز يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا بېغىشلىغان.
ئۇ ناخشىچىلاردىن مايكول جېكسون بىلەن مادوننانى ياخشى كۆرىدۇ، 2001-يىلى مادوننانىڭ دۇنيادىكى سەييارە ناخشا كېچىلىكىنىڭ لوندوندىكى كېچىلىكىنى كۆرگەن.
ئۇ مەشھۇر ئەربابلاردىن چېرچىلنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ چېرچىلغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق خاتىرە ۋە ئەسلىمىلەرنى ئوقۇپ چىققان، يەنە تېخى چېرچىلنىڭ بىر قېتىملىق مەشھۇر نۇتۇقىنىڭ تېمىسى بىلەن ۋاقتىنى بەدىنىگە چەكتۈرگەن.
ئىز تورى www.iz.la

ئۇ تېخى بەزىدە ئايروپىلان ھەيدەپمۇ قويىدۇ، كىتاب ئوقۇشنى ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇ كېيىنشتە قارا رەڭنى ئاساس قىلغان، ئاددىي ساددا، ئەركىن-ئازادە كېيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇ كىچىك چېغىدا بىر دەپنە مۇراسىمى پىلانلىغۇچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان.
ئۇ تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقاندا زەھەر چەككەن، كېيىن تاشلىغان ھەمدە ئىككىنچى زەھەرگە يېقىن يولىماسلىق ھەققىدە قەسەم ئىچكەن.
ئۇ مۇستەقىل شۇنداقلا ئۆز بېشىمچى، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنى ياقتۇرمايدۇ.
ئۇ ناھايىتى تۈز ھەم راسىتچىل ئۇ ئۆزىنى كۈچ قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان چىشى قاپلانغا ئوخشىتىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، لېكىن دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دېگەندەك ئەمەس، تېخى 2003- يىلى ئىككەيلەن بىر مەيدان سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن،2007-يىلىدىن باشلاپ يارىشىپ قالغان.
ئۇ ئۈچ قېتىم توي قىلغان. بىرىنچى قېتىمدا ئەنگلىيەلىك كىنو چولپىنى جوننىي لى مىللىر ( jonnylee miller) بىلەن 1996-يىلى توي قىلغان، 1999-يىلى 1-ئايدا ئاجىرىشىپ كەتكەن؛ئىككىنىچى قېتىمدا، ھوللىۋودىنىڭ ئارتىسى ۋە رېژىسسور بىلىي بوب تورۇنتون (Billy Bob Thornton) بىلەن 2000- يىلى 5 ئايدا توي قىلىپ،2003- يىلى 5- ئايدا ئاجرىشىپ كەتكەن؛ئۈچىنچى قېتىمدا، ئىككى قېتىم ئوسكار مۇكاپات نامزاتى بولغان ھوللىۋودىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى براند پىت (Brad Pitt)بىلەن 2005-يىلى توي قىلغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ دۇنيانىڭ ھەرخىل ئېرىقتىن بولۇپ ئۈچ بالا بېقىۋالغان، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئوغۇل بىرسى قىز بولۇپ، ئۇلار 2002-يىلى كامبودژادىن بېقىۋالغان مادوكىس، 2003-يىلى ۋيېتنامدىن بېقىۋالغان پىكىس ۋە 2005-يىلى ئېفىئوپىيەدىن بېقىۋالغان زەھرا مېرلىيلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنجىلىنا يەنە ھازىرقى ئېرى براند پىتتىن ئۈچ بالىلىق بولغان، ئۇلارنىڭ ئىككىسى قىز، بىرسى ئوغۇل، بىر قىزى بىلەن ئوغلى قوشكېزەك. ئۇلار شىلو، نوكىس ۋە ۋىۋىننىلاردىن ئىبارەت. ئالتە بالىنىڭ ھەممىسىنىڭ فامىلىسى جۇلى-پىت بولغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇنىڭ قىسقا تەرجىمھالى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

Angelina-Jolie
ئەنجىلىنا جۇلى (Angelina Jolie)
1975-يىلى 6-ئاينڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا تۇغۇلغان. بويى 1.73 مېتىر، كۆزى يېشىل، چېچى قوڭۇر، قان تىپى A، ئۇنىڭ دادىسى ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى جون ۋويت (Jon Voight)، ئانىسى مەچلىن بىرتلەند ("Marcheline" Bertrand) كانادا تەۋەلىكىدىكى فىرانسىيەلىك ئارتىس. بۇ ئىككەيلەن ئەنجىلىنا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە ئاجرىشىپ كەتكەن. ئەنجىلىنانىڭ بىر رېژىسسور ئاكىسى بولۇپ، ئىلگىرى ئەنجىلىنا قاتناشقان بىر فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان. گەرچە ئەنجىلىنانىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئارتىس بولسىمۇ بىراق ئەنجىلىنانىڭ ئارتىس بولۇپ قېلىشىنى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرمەك ناھايىتى تەس. چۈنكى ئاتا- ئانىسى ئۇ بىر ياشقا كىرمەيلا ئاجرىشىپ كەتكەن. بۇ ئەنجىلىنانىڭ ھازىرقى مۇستەقىل خاراكتېرىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىرىنچى ئامىلى ئىدى. ئۇ كىچىك چېغىدا دائىم ئانىسى ۋە ئاكىسىغا ئەگىشىپ كۆچۈپلا يۈرگەن. 14 يېشىدا مودىل بولغان. 16 يېشىدا ئانسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن نيۇيورىكقا كېلىپ بىر تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچسى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ھاياتى باشلانغان. ھۆسىن-جامال ۋە ئەقىل-پاراسەتكە باي بۇ قىز كېيىن ھوللىۋودقا قەدەم تاشلىغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەنجىلىنانىڭ ۋەكىل خاراكتېرىدىكى كىنولىرىدىن «قەدىمىي قەبرىدىكى گۈزەل»، «شىمىس ئەر-خوتۇن» قاتارلىقلار بار. ئۇ ھازىرغا قەدەر 40تىن ئارتۇق كىنودا رول ئالغان. ھازىرقى ئېرى براند پىت (Brad Pitt) بىلەن «شىمىس ئەر-خوتۇن» ناملىق كىنونى ئىشلەش جەريانىدا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان. ئۇنىڭ 1998-يىلىدىن ھازىرغىچە ئېرىشكەن خەلقئارالىق شان-شەرەپ ۋە مۇكاپاتلىرى 20 نەچچىگە يېتىدۇ.
2000-يىلى ئەنجىلىنا ئىككىنچى ئېرى بىلەن تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئاجىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى بىر پارچە خەت ۋە بىر تېلېۋىزىيە سۆھبىتى ئارقىلىق ئەنجىلىنانى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەنجىلىنا سوتقا فامىلىسىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. 2007-يىلىغا كەلگەندە ئىككەيلەن پاراڭلىشىپ يارىشىپ قالىدۇ. 2007-يىلى ئۇنىڭ ئانىسى راك كېسىلى بىلەن كۆز يۇمىدۇ. 2001-يىلى ئەنجىلىنا ب د ت نىڭ مۇساپىرلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەلچىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ مىھرىبانلىقى ۋە خەير–ساخاۋەتلىرى مۇساپىرلارغا ئۈمىد بېغشلايدۇ. ئۇ بۇ كومىتېتتىكى باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن 2001-يىلىدىن 2009-يىغىچە بولغان 8يىلدا 5 قىتئەدىكى 20 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ، مۇساپىرلانىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى مۇساپىرلارغا ئاتاش قارارىغا كېلىدۇ. كېيىن ئۇ ئېرى براند پىت بىلەن بىللە جۇلى-پىت فوندىنى تەسىس قىلىدۇ. بۇ فوند دۇنيادىكى 30 نەچچە خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر يىللىق ئىئانە سوممىسى نەچچە مىلىيون دوللاردىن نەچچە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. شۇڭا ئۇ دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى خانىش، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنىڭ پەرىشتىسى، ئاياللار دۇنياسىدىكى ئۇلۇغ ئانا، دەپ تەرىپلىنىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ
www.iz.la

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(77)
76.2%
ئالقىشلايمەن
(24)
23.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • سىز بىلمەيدىغان ئەڭ كىچىك ئون دۆلەت

    1. ناگىرنوكالابا ئادەم سانى ؛110 مىڭ يەر كۆلىمى ؛ 4424.102 كىۋادىرات مىل پايتەختى ؛سىجىپ ناكىت ناگىرنوكالابا بولسا بىر جۇمھۇرىيەت لىك دۆلەت بولۇپ ، ئۇ يەمىنىيە بىلەن ئەزەر بەيجاننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان . لىكىن ھىچقانداق بىر دۆلەت ئىتىراپ قىلىپ باقمىغان...

  • كورىيەنىڭ 13يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئالتۇن زاپىسىنى يېڭىلىشى

    كورىيە مەركىزىي بانكىسى 6-7-ئاي ئېچىدە پۈتكۈل يەرشارىدىن جەمئىي25 توننا ئالتۇن سېتىۋالغان بولۇپ ،جۇغلانما ئالتۇن زاپىسىنى39.4توننىغا يەتكۈزگەن.1997-1998يىللىرىدىن بۇيانقى مەزگىلدە ئاسىيا قىتئەسىئۇچرىغان پۇل-مۇئامىلە بوران -چاپقۇنىدىن بۇيان كورىيە مەركىزىي...

  • ھوللىۋود خانىشى - ئەنجىلىنا جۇلى

    ئۇ مۇنداق دەيدۇ: -ئارتىسلىق ھەرگىزمۇ ياسالمىلىق قىلىش ياكى يالغانچىلىق ئەمەس... - بەزى كۈنلەر خۇددى ئەتىگىنى تۇرغاندىن كېيىن سېلىۋىتىدىغان ئۇخلاش كىيىمىدەك، ئاھ ئۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ... - تاماشىبىنلارغا يېقىش ئۈچۈن ياسالملىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشىمنىڭ ھاجىتى يو...

  • ئۇچالايدىغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا

    Hotelicopter دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەم تۇنجى ئۇچار مېھمانخانا، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ غايەت زور تىك ئۇچارنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ياسىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئىككىسىلا بار. ب...

  • پۈتكۇل يەرشاردىكى تاماكا چىكىشكە قارىشى ئىشلەنگەن نادىر تەشۋىقات ئېلانلىرى

    ...

  • چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى

    يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا چېقىلمىغان بولسا، سۇۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن. باشقىلارغا چېقىلغان ئەھۋا...

  • ئامېرىكا ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك راكىتانى ياساپ چىقتى

        Spike راكىتا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تىپتىكى راكىتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 63 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 5.71 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 14 كېلوگىرام كېلىدۇ . بۇ راكىتانى ياساشقا 5000 دوللار ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدىغان بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندىكى...

  • نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون ئىككى ئايال

    1. 1905- يىلى باش شتابى شۋېتسارىيە پايتەختى بېرن(Bern)گە جايلاشقان خەلقئارا تىنچلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارونېز بېرتا ۋون سۇتتنېر خانىم(Baroness Bertha von Suttner 1843-1914)، ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى قورالىمىزنى تاشلايلى دېگەن مەشھۇر ئەسىرى...

  • «يۈزى يوق ئادەم» يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    يۈزى يوق دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە... شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ي...

  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...