ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

ۋاقتى:2011-02-21 04:22مەنبە: تەھىرىر:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

يېقىنقى بىر مەزگىلدە دۇنيا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېسىم ئېلىپ كەلدى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە مال باھاسى ئۆسۈپ، كىشىلەر بۇنىڭدىن نارازى بولدى، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى دۇنيادىكى ئاشلىق قەھەتچىلىكى ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھانسىبۇرگ شەھىرىدىكى بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى زابۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى بىر بولكا سېتىۋېلىش ئۈچۈن 5.99 راند كېتەتتى، ھازىر 7.99 راندقا ئۆستى؛ ئۆتكەن يىلى بىر كىلو شېكەرنىڭ باھاسى 5 راند ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر 8.58 راندقا ئۆستى، بۇنداق كېتىۋەرسە، مەن قانداق قىلارمەن؟». بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
زابۇنى ئەنسىرىتىۋاتقىنى دەل جەنۇبىي ئافرىقىدا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بولكا ۋە شېكەرنىڭ باھاسىدىن باشقا، 2.5 كىلولۇق بىر خالتا ئۇننىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدىن %43، پىيازنىڭ باھاسى %38، ياڭيۇنىڭ %72 ئۆسكەن. شوخلا، كالا گۆشى، كولا، چاي، سېرىق ماي، سۈت قاتارلىقلارنىڭ باھاسى بىر يىلدا %10 ئۆسكەن.
16-فېۋرال ئېلان قېلىنغان بۇ يىل 1-ئايلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك باھاسىنىڭ تەسىرىدە جەنۇبى ئافرىقىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %3.7 كە يەتكەن.جەنۇبى ئافرىقا بىرلەشمە بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى گىنا سىكۇمىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جەنۇبىي ئافرىقا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن يېنىك بولۇپ، خەلقئارا بازارغا قارشى ئېقىم ئەھۋالى مەۋجۇت بولماقتا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەرلىكنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى. لېكىن ئۇنىڭ مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كېيىنكى يېرىم يىلدا كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ كېمىيىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبى ئافرىقا ئاشلىق باھاسى %7.5 ئۆسىدىكەن، ئومۇمىي گەۋدىنىڭ پاخاللىق نىسبىتىمۇ ئېشىپ %5.7 يېتىدىكەن

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى يېقىندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل يانۋاردا دۇنيا ئاشلىق باھاسى 2008-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتتىن ئېشىپ، يېقىنقى 20 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتتى. دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: ئاسىيا يېڭى نۆۋەتلىك ئاشلىق باھاسى ئۆسۈشىنىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن بەك ئۇچرىدى، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ۋە كارىب دېڭىزى رايونلىرى بۇنىڭ تەسىرگە تېخى روشەن ئۇچرىمىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى خيۇۋ برادەنكاپ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىدى. ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە تەمىنات يېتەرلىك بولۇش بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ باشقا رايونلاردىن ياخشى بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

ئىز تورى www.iz.la

گەرچە ھازىر كۆرۈنەرلىك تەسىرى بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم جەنۇبتىكى ئافرىقا ئەللىرى يۇقىرى ئاشلىق باھاسى ئېلىپ كەلگەن بېسىمنى ھېس قىلىشتى. نامبىيە ھۆكۈمىتى 16-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بۇلتۇر دېكابىردا %3.1 بولۇپ، بۇ يىل يانۋاردا %3.5 كە يەتكەن، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تىزگىنلىنىپ، يانۋاردا %1.6 بولغان. بۇ دۆلەتنىڭ سىتاتىسكا ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى سىتېللېر مۇنداق دېدى: دۇنيادا بوغداي ۋە كۆممىقوناق باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشىدەك ۋەزىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇ دۇنيا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بەرىبىر بۇ دۆلەتدە پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېدى. ئىقتىسادشۇناسلار نامبىيەنىڭ پۈتۈن يىلدىكى پۇل پاخاللىقى %5 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

موزامبىكنىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا مال باھاسىنىڭ ئۆسىشىدىن كېلىپ چىققان پاراكەندىچىلىك ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئارقىدىن دۆلەت مال باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ پىلان ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى ئايئۇبا كۇرىنىيا مۇشۇ ئايدا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: موزامبىك يەنىلا ئاشلىق ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى بىر قانچە يىلدا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئاشلىق كەمچىلىكى تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ماداغاسقارغا تېخىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. گۈرۈچ سودىگىرى لادرىئەند مۇنداق دېدى: پايتەخت تانانارىئودا بىر كىلو گۈرۈچنىڭ باھاسى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى، گۈرۈچ قىممەت باھالىق مالغا ئايلاندى. بۇ دۆلەتنىڭ يېمەكلىك باھاسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئورگىنى مۇنداق دېدى: 2009-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ماداغاسقاردا گۈرۈچ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆستى، پايتەختتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى، مەسىلەن ناشتا قىلماسلىق ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا مانىخوت، قوناق قاتارلىقلارنى يېيىش قاتارلىقلار. ئىگىلىنىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ گۈرۈچ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن باشقا يەنە دۇنيا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسىشىمۇ بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب ئىكەن. گۈرۈچ باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ماداغاسقار ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇيىل 1-ئايدا ھەر كىلوگرام قوناقنىڭ باھاسىنى 0.59 ئامېرىكا دوللىرى دەپ بېكىتتى، شۇنداقلا ئىمپورت بىجىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ماداغاسقارنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ 11-كۈنى تېزلىكتە بىر توننا گۈرۈچ ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئاينىڭ ئاخىرىگىچە يەنە 3.2 توننا گۈرۈچ كىرگۈزۈپ، باھانىڭ ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(5)
83.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
16.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ھوللىۋود خانىشى - ئەنجىلىنا جۇلى

    ئۇ مۇنداق دەيدۇ: -ئارتىسلىق ھەرگىزمۇ ياسالمىلىق قىلىش ياكى يالغانچىلىق ئەمەس... - بەزى كۈنلەر خۇددى ئەتىگىنى تۇرغاندىن كېيىن سېلىۋىتىدىغان ئۇخلاش كىيىمىدەك، ئاھ ئۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ... - تاماشىبىنلارغا يېقىش ئۈچۈن ياسالملىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشىمنىڭ ھاجىتى يو...

  • ئۇچالايدىغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا

    Hotelicopter دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەم تۇنجى ئۇچار مېھمانخانا، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ غايەت زور تىك ئۇچارنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ياسىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئىككىسىلا بار. ب...

  • پۈتكۇل يەرشاردىكى تاماكا چىكىشكە قارىشى ئىشلەنگەن نادىر تەشۋىقات ئېلانلىرى

    ...

  • چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى

    يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا چېقىلمىغان بولسا، سۇۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن. باشقىلارغا چېقىلغان ئەھۋا...

  • ئامېرىكا ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك راكىتانى ياساپ چىقتى

        Spike راكىتا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تىپتىكى راكىتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 63 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 5.71 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 14 كېلوگىرام كېلىدۇ . بۇ راكىتانى ياساشقا 5000 دوللار ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدىغان بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندىكى...

  • نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون ئىككى ئايال

    1. 1905- يىلى باش شتابى شۋېتسارىيە پايتەختى بېرن(Bern)گە جايلاشقان خەلقئارا تىنچلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارونېز بېرتا ۋون سۇتتنېر خانىم(Baroness Bertha von Suttner 1843-1914)، ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى قورالىمىزنى تاشلايلى دېگەن مەشھۇر ئەسىرى...

  • «يۈزى يوق ئادەم» يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    يۈزى يوق دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە... شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ي...

  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...