ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 21-ئۆكتەبىر خەۋرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەلىك توماس نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆيىنى ساتماقچى بولغان بولۇپ، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، 4 ئېغىر ئۆيىدىن باشقا ئۇنىڭ ساتىدىغان يەنە بىر مۇقىملاشتۇرۇلغان ئاكوپى بار ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، غەرب ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغان ۋاقىتتا، بىر مەيدان ئۇرۇش مەيدانغا كەلگىلى تاسلا قالغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئەنگىلىيەلىك توماس ئۆزىگە تەۋە بىخەتەر ئۆي سالغان. 4 ئېغىز ئۆي، بىر چوڭ گۈللۈك، يەنە دېڭىزنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغان بۇ ئۆيدە ئۇ يەنە بىرەر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلغان. 56 ياشلىق توماس يادرو ئۇرىشىنىڭ پارتىلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزى ۋە ئائىلىدىكىلەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ ئاكوپنى 6 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇرغان ئىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!