ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 14-يانۋار كەچ ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كېلارا(Kerala) شىتاتىدا ئېغىر دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 100 ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.
نەچچە مىڭ ھىندى دىنى مۇرىتى كېلارا شىتاتىدىكى ئىدۇكى(Idukki) رايونىدا بىر داڭلىق ئىبادەتخانىدا دىننىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قايتقان چاغدا، بىر ماشىنا كىشىلەر توپىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكتىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار توپى قالايمىقانلىشىپ دەسسىلىش كۆرۈلگەن.
دىننى پائالىيەت تەشكىللۈگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھەر يىلى بۇ ئىبادەتخانا 4 مىليون ئەتراپىدىكى تاۋاپ قىلغۇچىنى كۈتۈۋالىدىكەن. 14-كۈنى ئىككى ئايلىق دىننىي بايرامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى جەمئىي 150 مىڭ ئادەم تاغ چوققىسىغا چىقىپ تاۋاپ قىلغان.