ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

گىۋىئانا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:www.news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
گىۋىئانانىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىش ئارقىلىق پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلغۇچى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرىپ، پەلەستىنگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. گىۋىئانا مىنىستىرى 13-يانۋاردىكى باياناتىدا:
  


گىۋىئانانىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىش ئارقىلىق پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلغۇچى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرىپ، پەلەستىنگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
گىۋىئانا مىنىستىرى 13-يانۋاردىكى باياناتىدا:« پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىش ئارقىلىق پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنىشىنىڭ ھەل بولىشى ۋە مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ » دېگەن.
باياناتتا:« بۇ قارار گىۋىئانانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇستەھكەم ۋەدىسى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى، گۈللىنىشى ۋە تىنىچ ئائىلىسىنى بەرپا قىلىش پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ۋە قانۇنلۇق ھوقوق-مەنپەئەتى » دېيىلگەن.
بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، بولىۋىيە، ئۇرگۇۋاي ۋە ئېكۋاتور، چىلىلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، شەرقىي قۇددۇس(ئېرۇسالىم) ۋە گازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
پارگۋاي ۋە پېرۇلارمۇ نەچچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىدىكەن.
مەنبە: ئىران PressTV تورى(نەپرەت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!