ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كورىيە – ياپونىيە ساقچى پاراخوتلىرى سەنپېڭ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە تىركەشتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  كورىيەنىڭ بېلىقچىلار كېمىسى سەنپېڭ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە      شىنخۇا تورى سېئول 13–يانۋار تېلېگراممىسى :  13–يانۋار ، كورىيە دېڭىز–ئوكيان ساقچى ۋازارىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كورىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتل
  
 
كورىيەنىڭ بېلىقچىلار كېمىسى سەنپېڭ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە

     شىنخۇا تورى سېئول 13–يانۋار تېلېگراممىسى : 13–يانۋار ، كورىيە دېڭىز–ئوكيان ساقچى ۋازارىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كورىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تالاش–تارتىش پەيدا قىلغان سەنپېڭ ئارىلى ( ياپونىيە ‹‹ بامبۇك ئارىلى ›› دەپ ئاتايدۇ ) ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ، كورىيە بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن –كىرمىگەنلىكى توغرىسىدا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .

     ئاخباراتتا دېيىلىشىچە ، كورىيەنىڭ ‹‹ قوش ئەجدىھا – 33 ›› ناملىق بېلىقچىلار كېمىسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەنپېڭ ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 42 دېڭىز مىلى ئىچكىرلەپ كىرگەندە ، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ بىر پاراخوتى بۇ  بېلىقچىلار كېمىسىنى قوغلاپ كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ ، كورىيە ساقچىلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ، كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، ياپونىيە دېڭىز ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشنىڭ جەريانىنى تەكشۈرگەن .

     كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى ئەگەر بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن –كىرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقسا ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئاساسەن دەرھال بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

     يېقىندا ، كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، كورىيە–ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتلىرى سەنپېڭ ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدا تىركەشكەن . نۆۋەتتە ، سەنپېڭ ئارىلىنى كورىيە كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، سەنپېڭ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا كورىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا نۇرغۇن سۈركىلىش پەيدا بولغان .

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!