قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىك ئارىسىدىن دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدىمەكتە
30-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 غىچە ، ھىندونېزىيە سۇماتېرا ئۆلكىسىنىڭ مېنتاۋاي تاقىم ئارىلى يېنىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلار 413 گە يەتكەن بولۇپ ، 163 ئادەم يوقاپ كەتكەن . نۆۋەتتە ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئەۋەتكەن قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرى ئارقا-ئارقىدىن ھىندونېزىيەدىكى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا .
شۇ يەر ۋاقتى 25-ئۆكتەبىر كەچ سائەت 9 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە ، ھىندونېزىيە سۇماتېرا ئۆلكىسىنىڭ مېنتاۋاي تاقىم ئارىلى يېنىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكتىن ، دېڭىز تاشقىنى كۆرۈلۈپ ، قىرغاقتىكى ئون نەچچە كەنت سۇ ئاستىدا قالغان .
شۇ يەرلىك ئاھالىلەر دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىنتى ئورىماقتا