ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،روسىيە قارا دېڭىز فلوتى تۇرۇشلۇق ئۇكرائىنا بازىسىنىڭ ئىجارە مۇددىتىنى ئۇزارتقاندىن كېيىن،روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى10-ئاينىڭ25-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى10يىل ئىچىدە ئۇكرائىنا چېگرىسى ئىچىدىكى قارا دېڭىز فلوتىغا18دانە ھەربىي پاراخوت كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.بۇ قارار قارا دېڭىز
فلوتىنىڭ ئىلگىرىكى شانلىق ۋاقىتلىرىنى ئەسلىگە كېلىشىگە ئۈمۈد تۇغدۇرۇپ قالماي،روسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور قەدەم بېسىشى بولۇپ،دۆلەت مۇداپىئە كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىدۇ.
خەۋەردە ئاشكارلىنىشىچە،روسىيەنىڭ2011-يىلدىن2020-يىلغىچە بولغان دۆلەت ھەربىي ھازىرلىقلار پىلانىغا ئاساسەن،قارا دېڭىز فلوتىغا ئاز دېگەندە6دانە(Project 22350)قوغدىغۇچى پاراخوت،6دانە(Project 677)دېزىل يىقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە2دانە(Project 11711)چوڭ تىپلىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى كۆپەيتىدىكەن.بۇنىڭدىن سىرت،فلوت2016-يىلى يېڭى تىپتىكى(SU-24M)بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ھازىرقى كونا ئايروپىلاننىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىدىكەن؛ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانBe-12سۇ قۇرۇقلۇقتا قونالايدىغان ئايروپىلاننىڭ ئورنىغا نىسبەتەن ئىلغار بولغان(IL-38)سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلاننى ئالماشتۇرىدىكەن.
روسىيەنىڭ قارا دېڭىز فلوتىنىڭ كۈچىنى زور كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرىشى چوقۇم ئۇكرائىنانىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشىشى كېرەك.يانۇكوۋىچ 2-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ پىرىزدېنتى بولغاندىن كېيىن،ئۇكرائىنا روسىيە تەرەپتە تۇرۇپ،روسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئەسلىدە بېكىتىلگەن2017-يىلدىن،يەنە25يىل ئۇزارتىپ2042يىلغىچە قېلىپ بېكىتكەن،بۇ ئارقىلىق روسىيە تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى%30چۈشۈرگەن.
ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىزغا كىرىپ گرۇزىيەنى قوللىشى روسىيەگە قارا دېڭىز فلوتى بىلەن بالتىق دېڭىز فلوتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!