
جۇڭگو ئاخبارات تورى 13 – دېكابىر تېلېگراممىسى : شۇ جاي ۋاقتى 13 – دېكابىر ، كورىيەنىڭ 42 نەپەر دېڭىز خادىمى ئولتۇرغان بىر بېلىقچىلار كېمىسى جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن . ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ، 42 نەپەر كېمە خادىمىدىن بەشى قازا قىلغان ، 17 ئادەمنىڭ ئىز–دېرىكى بولمىغان ، 20 سى قۇتقۇزۋېلىنغان . ئىگىلىنىشىچە ، بېلىقچىلار كېمىسىدىكى خادىملارنىڭ سەككىزى جۇڭگولۇق ئىكەن .
كورىيە تاشقى ئىشلار سودا ئالاقە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : كورىيە ۋاقتى 13 – دېكابىر سەھەر سائەت 4:30 دا ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز تەۋەلىكىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان كورىيە يىراق ئوكيان ‹‹ رېنچىڭ –1 ›› ناملىق بېلىقچىلار كېمىسىدە ۋەقە يۈز بېرىپ چۆكۈپ كەتكەن . 42 نەپەر كېمە خادىمىنىڭ سەككىز نەپىرى كورىيەلىك ، سەككىز نەپىرى جۇڭگولۇق ، 11 نەپىرى ھىندىستانلىق ، 11 نەپىرى ۋېيتناملىق ، ئۈچ نەپىرى فىلىپپىنلىق ، بىر نەپىرى رۇسىيەلىك .
دېڭىز چارلاش ساقچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ‹‹ رېنچېڭ –1 ›› ناملىق كېمە ئەتراپىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بەش بېلىقچىلار كېمىسى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، دەرھال قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ، يېڭى زېلاندىيە تەرەپمۇ قۇتقۇزۇش كېمىلىرىنى ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەۋەتكەن .