ئەل-جەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 31-دېكابىر كەچتە، نېگىرىيە پايتەختى ئابۇجادىكى ھەربىي گازارمىغا يېقىن بىر بازاردا پارتىلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر 30 ئادەم ئۆلگەن.
پارتىلاش ئابۇجادىكى سانى ئاباچا(Sani Abacha ) ھەربىي گازارمىغا يېقىن ئاۋات بازاردا يۈز بەرگەن، بۇ بازاردا نۇرغۇن كىشىلەر يېمەكلىك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىكەن.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بازارغا بېرىپ 2011-يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولۇپ بازارغا يېقىنلاشقاندا پارتىلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان. ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بازارغا يىغىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنىشىدا ئاز دېگەندە 80 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
نېگىرىيە ساقچىلىرى بوكو ھەرەم تەشكىلاتى( Boko Haram group) نىڭ 92 نەپەر گۇمانلىق خادىمىنى تۇتقان.
مەنبە:ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)