ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاكىستان ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش خەۋپىگە چۈشۈپ قالدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
پاكىستاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئىتتىپاقتىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە مىللىي بىرلىك ھەركىتى پارتىيىسى(Muttahida Qaumi Movement ) يەكشەنبە كۈنى(1-ئاينىڭ2-كۈنى) ھۆكۈمەتنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغ
  


پاكىستاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئىتتىپاقتىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە مىللىي بىرلىك ھەركىتى پارتىيىسى(Muttahida Qaumi Movement ) يەكشەنبە كۈنى(1-ئاينىڭ2-كۈنى) ھۆكۈمەتنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ھۆكۈمەتنى ھەر ۋاقىت گۇمران بولۇش كىرزىسىگە پاتقۇزۇپ قويغان.
مىللىي بىرلىك ھەركىتى پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنتتىكى كۆپ قىسىم ئورۇندىن ئايرىپ قويدى، ئېھتمال باش مىنىستېر جىلانى ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەمما جىلانىنىڭ باياناتچىسى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەت پارچىلانمىدى، كىرزىسكە پېتىپ قالمىدى دېگەن.
مىللىي بىرلىك ھەركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2011-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت بېنزىن ۋە كىرسىننىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەنلىكتىن، پۇقرالارنىڭ بەرداشلىق بەرمىكى تەسكە چۈشكەن، كىشىلەر ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىدا داۋاملىق تۇرۇش خەلققە نىسبەتەن ئادىل ئەمەس دەپ قارىغان، شۇڭا ئۆكتىچىلەر قاتارىغا كىرىشنى قارار قىلغان.
مىللىي بىرلىك ھەركىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىچكى كابېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىكنى ياخشىلىمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئېستىپا بەرگەن. تەھلىلچىلەر پاكىستان ئېھتىمال مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈپ سىياسىي كىرزىسنى ھەل قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
مەنبە: سۇمرۇغ تېلىۋىزىيىسى، ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)

مىللىي بىرلىك ھەركىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاساسلىقى كاراچى شەھىرىنى ئاساس قىلغان، ھازىر ئۇلار ئۆكتىچىلەر سېپىدە تۇرماقتا

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!