ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاكىستان يادرو قورالى ھەسسىلەپ ئاشتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان يادرو قورال ئامبىرىدىكى يادرو قورال سانى ئۆتكەن نەچچە يىلدا بىر ھەسسە ئاشقان، ئورۇنلاشتۇرغان قورالىنىڭ ئومومىي سانى 100 دانىدىن ئېشىپ كەتكەن. ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى نىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە
  


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان يادرو قورال ئامبىرىدىكى يادرو قورال سانى ئۆتكەن نەچچە يىلدا بىر ھەسسە ئاشقان، ئورۇنلاشتۇرغان قورالىنىڭ ئومومىي سانى 100 دانىدىن ئېشىپ كەتكەن.
« ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى » نىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتسىز ئورگاننىڭ تەھلىلچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، پەقەت 4 يىل ئىلگىرىلا پاكىستاننىڭ يادرو قورالى پەقەت 30 دانىدىن 60 دانىگىچە ئىدى دېگەن.
ئامېرىكا ئىلىم-پەن ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئالبېرت :« ئۇلار خېلى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتتى » دېگەن. ئۇ يەنە پاكىستان يېقىندا پلوتونىي ۋە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۇران ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، يادرو قورالىنىڭ سانىنى 110 دانىغا يەتكۈزدى دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ يادرو قورالى رەقىبى ھىندىستاندىن سەل ئالدىدا ئىكەن، ھىندىستاننىڭ 60 دانىدىن 100 دانىگىچە يادرو بومبىسى بارلىقى مۆلچەرلەنگەن.
خەۋەردە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ يادرو رىقابىتى ئوباما ھۆكۈمىتىنى تەڭلىكتە قويغانلىقىنى، چۈنكى ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە ۋاقىتتا، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ دوستلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولغان، پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدىكى مۇھىم شېرىكى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!