شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 9 – مارت تېلېگراممىسى. ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ناسىركى 9 – مارت: ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ھازىرقى ئىقتىسادىي مۇھىتنى كۆزدە تۇتۇپ، ب د ت نىڭ بۇ يىللىق مالىيە خامچوتىنى %3 قىسقارتىشنى تەلەپ قىلدى، دېدى.
ناسىركى 9 – مارت ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: بان كىمون ب د ت ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تەلەپچان بولۇشى، ئىشلارنى كونا ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، دېگەن. ب د ت نىڭ بۇلتۇرقى مالىيە خامچوتى 5 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەن.
ب د ت نىڭ خامچوتىنى ب د ت غا ئەزا 192 دۆلەت ئورتاق كېڭىشىپ ماقۇللايدۇ. بان كىمون ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرگە قىسقارتقاندىن كېيىنكى مالىيە خامچوتىنى ماقۇللاشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم ب د ت نىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلىرىنى چىقىمنى ئازايتىشقا ئۈندىدى.