ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان بىلەن پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ھىندىستان بىلەن پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدىھىندىستان بىلەن پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-مارت خەۋىرى: پاكىستان ۋە ھىندىستان ئوخشاش بىر كۈندە داۋاملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغان. پاكىستان ئارمىيىسى 11-مارت يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان « خاتىپ-2 » تىپلىق يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەن. ھىندىستان شۇ كۈنى ھىندى ئوكياندا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان «Dhanush» تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغان. پاكىستان ئاخباراتلىرىنىڭ قارىشىچە، پاكىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.
پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئارمىيىسى 11-مارت ئاشكارلانمىغان جايدا « ئابدال » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغان، ئېتىش مۇساپىسى 180 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، يادرو ئوق بېشى ۋە ئەنئەنىۋى ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. پاكىستان قوماندانلىق شىتابى بىرلەشمە كومىتىتىنىڭ رەئىسى خالىد سىناق قىلىش جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. پاكىستان پىرىزدېنتى زەردارى ۋە باش مىنىستىر گىلانى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋاپىقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيىسى شەرقىي قىسىمدىكى ئورىسسا شىتاتىنىڭ دېڭىز بويىغا جايلاشقان چاندىپۇر سىناق مەيدانىدا Prithvi II تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەن. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇيۇق يېقىلغۇ بىلەن ئۇچىدىغان بولۇپ، ئېتىش مۇساپىسى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، 500 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئەنئەنىۋى ئوق بېشى ياكى يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن.    
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!