ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹ياخشىمۇسىز، ئەپەندىم›› مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئورۇنلاندى

2011-يىلى03-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     چېن فېڭ خەۋىرى: 13 – نۆۋەتلىك ‹‹مەدەنىيەت مۇكاپاتى ئالاھىدە مۇكاپاتى››، ‹‹2008 – 2009 – يىللىق دۆلەت سەھنە سەنئىتى نادىر قۇرۇلۇشى بويىچە ئون نادىر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سېرىك تىياتىرى ‹‹ياخشىمۇسىز، ئەپەندىم›› مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 12 – مارت كەچتە بېيجىڭ ‹‹تيەنچياۋ›› تىياتىرخانىسىدا ئورۇنلاندى، ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ۋەكىل، ئەزالىرى تەكلىپكە بىنائەن تىياتىرنى كۆردى. جانلىق شەخسلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ناخشا – ئۇسسۇل، سېرىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بۇ تىياتىر تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد تىياتىرنى كۆردى. مەدەنىيەت مىنىستىرى سەي ۋۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقىمۇ تىياتىرنى بىللە كۆردى.

   ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ شەرەپ قۇچقان بۇ مۇزىكىلىق سېرىك تىياتىرنى ئورۇنلىغان ئارتىسلىرى تەكلىپ بويىچە بېيجىڭغا بېرىپ، ‹‹ئىككى يىغىن›› ۋەكىللىرى، ئەزالىرىغا ئورۇنلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. بۇ تىياتىردا، ئەل ئارىسىدا كەڭ تارالغان شەخس ئەپەندىم ۋاسىتە قىلىنىپ، سېرىك، سېھرىگەرلىك ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق ئامىللاردىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، دەۋرىمىزدە ئەۋج ئالدۇرۇش زۆرۈر ئىجتىمائىي ئىدىيە ئىپادىلەنگەن، مىللىي مەدەنىيەت ۋە زامانىۋى تۈس نامايان قىلىنغان. تىياتىر ‹‹ياخشىمۇسىز، تۇرمۇش››، ‹‹ياخشىمۇسىز، ھايات››، ‹‹ياخشىمۇسىز، مۇھەببەت››، ‹‹ياخشىمۇسىز، جاسارەت››، ‹‹ياخشىمۇسىز، ئىناقلىق››، ‹‹ياخشىمۇسىز، ئەپەندىم›› قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرگە ئايرىلغان. يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلانغان نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشتى. تىياتىرخانىدا تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، چاۋاك ئۈزۈلمىدى.

       

   تىياتىر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئارتىسلار تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى، تىياتىرخانىدا ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىدى. رەھبەرلەر سەھنىگە چىقىپ ئارتىسلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تىياتىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!