ياپونىيەدە يوقاپ كەتكەنلەر 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتتىياپونىيەدە يوقاپ كەتكەنلەر 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرى: ياپونىيە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن يېڭى جەسەتلەرنى تاپقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى. مىياگى ناھىيىسىنىڭ دېڭىز ياقىسىدا شۇ كۈنى 2000 جەسەتنى بايقالغان. نۆۋەتتە، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەن.BBC تورىدا، مۆلچەرلىنىشچە ئۆلگەنلەر سانى 10 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن دېيىلگەن.
ياپونىيە ئاخباراتلىرى 14-مارت خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى مىياگى ئايمىقىنىڭ تەخمىنەن 1000 جەسەت بايقىغان. شۇ كۈنى يەنە مىنامى سانرىكۇ دېڭىز ساھىلىدا تەخمىنەن 1000 جەسەت بايقىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ جايدا يوقاپ كەتكەنلەر سانى 9600 ئادەمگە يەتكەن ئىدى. ياپونىيە ئاخباراتلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلگەنلەر سانى 2800 ئادەمدىن ئاشقان، يوقاپ كەتكەنلەر 20 مىڭدىن ئاشقان.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ساقچى نازارىتى يەر تەۋرەشتىن كېيىن تەخمىنەن 2500 جايدىكى پاناھلىنىش ئورنىدا 550 مىڭ ئادەمنىڭ پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. پاناھلانغۇچىلار شەرقىي شىمال رايوندىكى ئىباراكى كېن قاتارلىق ئايماقلارغا مەركەزلەشكەن. ياپونىيە ھاۋارايى نازارىتى 14-مارت جاكارلىشىچە، كۈچلۈك سوغاق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 16-مارت مەملىكەت دائىرىسىدە تېمپراتورا تۆۋەنلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان شەرقىي شىمال رايوندا قار يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرىلىدىكەن.