يەر شارى تورىنىڭ 19-مارت خەۋىرى: قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاتامبايېۋ 18-مارت موسكىۋادا قىرغىزىستاننىڭ روسىيە قىرغىزىستاندا قۇرغان ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى يۇقىرى كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
روسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتامبايېۋ شۇ كۈنى موسكىۋادا روسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەن سۆزلەشكەندە، قىرغىزىستان تەرەپ روسىيەگە ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى بۇ قارىشىدىن ۋاز كەچكەن، چۈنكى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىدە باھا تالىشىشقا بولمايدۇ» كەن.
ئاتامبايېۋ قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان بارلىق كېلىشىملەرگە قاراپ چىققانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ بۇ كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان روسىيە شېركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى تەبىئىي گازلىقلارنى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ، روسىيە تەبىئىي گاز سانائەت شېركىتىگە قىرغىزىستان تەبىئىي گاز شېركىتىنىڭ %75 پېيىنى سېتىپ بېرىدىكەن. روسىيەدىن ئالغان بارلىق قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان يەنە روسىيەگە بىر ھەربىي سانائەت كارخانىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولىۋېتىپتۇ.
پۇتىن قىرغىزىستانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن روسىيەنىڭ بۇلتۇر 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز ۋە 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان، بۇنىڭدىن كېيىن روسىيە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە داۋاملىق «كەڭ كۆلەملىك ياردەم» بېرىدىكەن. ئۇ يەنە روسىيە قىرغىزىستانغا يەنە 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆسۈمسىز قەرز بېرىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ دېگەن. قىرغىزىستان«ئاتا يۇرت»پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قەستكە ئۇچراپ يارىدار بولدى ئۈچ قىرغىزىستان ساقچىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى قىرغىزىستان قالايمىقانچىلىقى .ئوتتۇرا ئاسىيا كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!