جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيەنىڭ بىر رازۋېتكا ئايروپىلانى 18-مارت ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا يېقىن دېڭىز ساھەسىنىڭ بوشلۇقىدا ئاخبارات توپلىغان، ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسى كۆپلىگەن F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى جىددىي ئەۋەتىپ توسقان، 3 سائەتتىن كېيىن، روسىيەنىڭ رازۋېتكا ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ دېڭىز ساھەسى بوشلىقىدىن ئايرىلغان.
ياپونىيە قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، روسىيەنىڭ بىر IL20 تىپلىق رازۋېتكا ئايروپىلانى 18-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا، خوككايدۇ ئارىلىدىن ياپونىيە تاقىم ئاراللىرىغا يېقىن ياپون دېڭىزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى دېڭىز ساھەسى بوشلۇقىدا ئۇچقان، ئۇچۇپ جۇڭگو رايونىغا يېقىن جايغا كەلگەن، رازۋېتكا ۋاقتى 3 سائەتتىن ئاشقان. ياپونىيە تەرەپ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ توسقان ۋە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلغان، چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە، روسىيە ئايروپىلانى شىمالدىكى بازىسىغا قايتىپ كەتكەن.
روسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان زېمىننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى چارلىدى روسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانى شىمالىي دېڭىزنى 16 سائەت چارلىدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!