جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ لىۋىيەدىكى مۇخبىرى 19-مارت بىن غازى شەھىرىدىن قايتۇرغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسپاتلانمىغان ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، لىۋىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ زەربىدارلار ئەترىتى 18-مارت كەچتە بىن غازى شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. گەرچە بۇ خەۋەر ئىسپاتلاشقا ئامالسىز بولسىمۇ،ئەمما تۆت ئەتراپتىن زەمبىرەك ئاۋازلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان.
ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىن غازىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، نۇرغۇن ئامما مىسىرغا پاناھلىنىشقا كەتكەن، شەھەردە قالغان ئاممىمۇ بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، دۇكانلىرىنى ئاچمىغان، شۇڭا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئاسان ئەمەسكەن.
ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان توپىلاڭچىلارنىڭ قوماندانى يۇنۇس مۇخبىرغا:«قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، قازافى قىسىملىرى بىن غازىغا كىرەلمەيدۇ. بىز ئۇنى تەخىتتىن چۈشۈرگىچە ئۇرۇش قىلىمىز» دېگەن. بىن غازى شەھىرىدىكى داۋالاش مەركىزىنىڭ خادىمى خەلىپە :«بىزنىڭ بۇ يەردە نۇرغۇن ئەقىللىق كىشىلەر بار، بىن غازىنى مۇداپىئە قىلىشنى پىلانلىماقتا. شۇڭا قازافى كىرەلمەيدۇ» دېگەن.
توپىلاڭچىلار قىسىمى يەر شارى تورىنىڭ مۇخبىرىغا مۇستەقىل ئىسپاتلىشىچە، ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىن غازى شەھىرىنى ئۇدا توپقا تۇتقان. ئەمەلىيەتتىن ئىسپاتلىنىشچە، لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بىر تەرەپتىن 18-مارت كەچتە بىن غازىغا پەقەت 20 كىلومېتىرلا كېلىدىغان ماگېرران يول ئېغىزىنى بۆسۈپ ئۆتكەن ھەمدە بىن غازى شەھىرىنى شىددەت بىلەن توپقا تۇتقان. توپىلاڭچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېھتىمال غەرب دۆلەتلىرى قول سېلىشتىن بۇرۇن بىن غازىنى 19-مارت ئىگەللەپ بولماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تىرىپولىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى رەسىمىي تاقاپ تاشلىغان، بارلىق خادىملىرى 18-مارت لىۋىيەدىن چېكىنگەن، لىۋىيەنىڭ پۈتكۈل شەرقىي قىسىمىدىكى 091 ۋە 092 تېلىفۇن لىنيىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. بۇ ئادەتتە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەركەتنىڭ ئالامىتى ئىكەن. بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، فرانسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان.
بىن غازى تەرەپتىن، بولۇپمۇ ئەجدابىيە شەھىرىگە ئۆتىدىغان تەرەپتىن ئۈزۈلمەي توپ ئاۋازى ۋە پارتلىغان ئاۋازلار كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىنتايىن زىچ ئىكەن. بۇ توپ ئاۋازلىرى ۋە پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. يەر شارى تورىنىڭ مۇخبىرى مېھمانخانىدا سرتقا چىقىشقا ئامالسىز قالغان، لىۋىيەدە ئەمدى تاڭ يورىغان بولغاچقا، ئەھۋال ئېنىق ئەمەسكەن، سەل تۇرۇپ ئەھۋال ئېنىقلانغاندا ئاندىن ئىسپاتلىغىلى بولىدىكەن.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 18-مارت جەنۋەدە دېيىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ شەرققە پەندىنپەي قىستاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مىسىرغا كىرىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشقان. مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئايال باياناتچىسى فېلمىڭ شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پەقەت 17-مارت بىر كۈن ئچىدە 1490 نەپەر لىۋىيە پۇقراسىنىڭ مىسىرغا كىرگەنلىكىنى دېگەن. مۇساپىرلار مەھكىمىسى مىسىر تەرەپ بىلەن يېتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇساپىرلار دولقۇنىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!