ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خەۋىپسىزلىك كېڭىشى كوتىدىۋانىڭ پۇقرالارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
خەۋىپسىزلىك كېڭىشى كوتىدىۋانىڭ پۇقرالارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسى خەۋىرى: ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كوتىدىۋانىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، ئىش تېرىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا چوق
  خەۋىپسىزلىك كېڭىشى كوتىدىۋانىڭ پۇقرالارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى


جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسى خەۋىرى: ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كوتىدىۋانىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، ئىش تېرىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا چوقۇم مەسئول بولىشىنى تەكىتلىگەن.
جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋاڭ مىن 18-مارت كەچتە بۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىس بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ كوتىدىۋادا تۇرۇشلۇق ھەركەت ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كوتىدىۋا بىخەتەرلىك قىسىملىرى پايتەخت ئابىجاننىڭ ئابوبو (Abobo) رايونىدىكى قايناق بازاردا ئاممىغا دەھشەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، 30 غا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلىشى، نەچچە ئون ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ب د ت بۇ ۋەقەدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
ۋاڭ مىننىڭ دېيىشىچە، خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەقە تېرىغۇچىلارنىڭ قانۇن سىرتىغا قېچىپ قۇتۇلىشىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا چوقۇم مەسئول بولىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بىرلا ۋاقىتتا، خەۋىپسىزلىك كېڭىشى كىرزىسنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل بولىشىغا ھەر قانداق توسقۇنلۇق قىلغانلارنى، ب د ت نىڭ كوتىدىۋادا تۇرۇشلۇق ھەركەت ئۆمىكى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىنى توسالغۇغا ئۇچراتقانلارنى، ئىنسانىي ھوقوققا ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كوتىدىۋا ئايال نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئۆلىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!