جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-مارت خەۋىرى: ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قاتتىق يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 7197 ئادەمگە يېتىپ، 1995-يىلىدىكى خەنشىن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىدىن ئېشىپ كەتكەن، 10 مىڭ 905 ئادەم يوقاپ كەتكەن. خەنشىن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 6434 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەر ئومۇمىي سانى 17 مىڭ 227 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن. ھازىرغا قەدەر ساقچى ۋە قوغدىنىش ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 90 مىڭ قۇتقۇزۇش خادىمى 26 مىڭ ھايات قالغۇچىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. نۇرغۇن مەكتەپلەر ۋاقىتلىق جەسەت ساقلاش ئورنى قىلىنغان بولۇپ، ئىشىككە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىسىمى يېزىلغان. ھايات قالغانلار تاللا بازىرىنىڭ سىرتىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئالغان. نۆۋەتتە 380 مىڭ ئامما ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.
فۇكۇشىما يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى گېنراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى
1-نومۇرلۇق گېنراتورلار گۇرۇپپىسى: سىرتقى توك يوللاش سىمى يەرگە يېقىن جايغا ياتقۇزۇلغان، ئەمما يادرو رېئاكتورىدىكى يۇقىرى تېمپراتورا ياتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان، توكيو ئېلىكتىر شېركىتى بۈگۈن توك تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان؛ توكيو ئوت ئۆچۈرۈش قىسىمى سۇ قويۇشقا تەييارلانغان.
2-نومۇرلۇق گېنراتولار گۇرۇپپىسى: توكيو ئېلىكتىر شېركىتى 18-مارت ئىستانسا ئىچىدە توك سىمىنى ئۇلاش خىزمىتىنى يەنە ئىشلىگەن؛ نۆۋەتتە ئاق ئىس چىقىۋاتقان بولۇپ، يادرو كېرەكسىز ماتىرىيالى كۆلچىكىنىڭ قايناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
3-نومۇرلۇق گېنراتورلار گۇرۇپپىسى:قوغدىنىش ئارمىيىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قىسىمى 18-مارت چۈشتىن كېيىن داۋاملىق سۇ قۇيغان، 50 توننا سۇ قۇيۇشنى پىلانلىغان؛ 18-مارت سۇ قۇيغاندىن كېيىن ئاق ئىس چىققان بولۇپ، توكيو ئېلىكتىر شېركىتى سۇ قۇيۇشنىڭ ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەتراپتىكى رادىئاتسىيە قىممىتى سەل تۆۋەنلىگەن؛ مۆلچەرلىنىشچە ئەتە توك ئۇزۇتۇش سىمىنى ئۇلايدىكەن.
4-نومۇرلۇق گېنراتورلار گۇرۇپپىسى: توكيو ئېلىكتىر شېركىتى مۆلچەرلىشىچە، ئەتە توك ئۇزۇتۇش سىمىنى ئۇلاپ، سىرتقى توك تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن؛ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى گېنراتورلار گۇرۇپپىسى ئاكىتىپ رايونىنىڭ سۇ ئورنىغا ئائىت ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە ئامالسىز دەپ كۆرسەتكەن.
6،5-نومۇرلۇق گېنراتورلار گۇرۇپپىسى: رېئاكتورنىڭ بېسىمى، قاچا ئىچىىكى سۇ ئورنى ئۇدا تۆۋەنلىگەن، ئەمما ئەھۋال يامانلاشمىغان.
فۇكۇشىما بىرىنچى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىكى يادرو ئېقىپ كېتىشنىڭ يامانلىشىش ۋە يامانلاشماسلىقى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلەۋاتقان قەھرىمانلارغا باغلىق. ئۇلار «فۇكۇشىمادىكى 50 ئەزىمەت»دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئۇلار 50 ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ دېژۇرنىلىق قىلغان، ھەر 10~15 مىنۇت ئىچىدە نۆۋەتلىشىپ كىرگەن. ياپونىيە ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە بىر قەھرىمان ئېغىر رادىئاتسىيەگە ئۇچرىغان، يەنە 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرى دېيىشىچە، 5 ئادەم قۇربان بولغان، ئەمما بۇ قاراشنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىسپاتلىمىغان. ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىكى 50 ئەزىمەت دۇنيانى تەسىرلەندۈردى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!