ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا (ئوركىستىر) ئۆمىكى 2011 ــ يىللىق ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ــ نورۇز ›› سەنئەت كىچىلىكىگە تەييارلىق قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى: شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئۇيۇشتۇرشى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا (ئوركىستىر) ئۆمىكى 2011 ــ يىللىق ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ــ نورۇز ›› مۇزىكا كىچىلىكىگە جىددىي تەييارلىق قىلدى.

     2010 ــ يىلى 9 ــ ئاينىڭ 13 ــ كۈنى  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كوممىتېنىڭ ئەزاسى  يولداش لى چاڭچۈن ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەي ۋۇ ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشەن ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا (ئوركىستىر) ئۆمىكىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ سەنئەتكارلارنىڭ تاللانغان يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە مەدەنىيەت مىنىستىلىكىگە يوليورۇق بېرىپ شىنجاڭ مىللىي ئوركىستىر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئويۇن كۆرسىتىشىنى تەستىقلىغان .  شىنجاڭ مىللىي ئوركىستىرى بۇقېتىمقى ‹‹ 2011 ــ يىللىق گۈزەل شىنجاڭ ــ نورۇز ››  مۇزىكا كىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇپ 4 ــ ئاينىڭ 16 ــ كۈنى بېيجىڭ چوڭ تىياتىرخانىدا مەركىزى مىللىي ئوركىستىر بىلەن بىرلىشىپ چوڭ تىپتىكى مۇزىكا كېچىلىكى ‹‹ گۈزەل شىنجاڭ ›› نى ئورۇندايدىكەن.  

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كوممىتېنىڭ ئەزاسى  يولداش لى چاڭچۈن ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەي ۋۇ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشەن ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر مۇزىكانىتلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى        شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي  مۇزىكا (ئوركىستىر) ئۆمىكى 2009 ــ يىلى 9 ــ ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مىللىيچە ئالاھىدىلىكى ئەڭ كۈچلۈك ، ئەڭ مۇكەممەل بولغان مىللىي ئوركىستىر بولۇپ ،  ئۆزگە خاس سەنئەت شەكلى ، قۇيۇق مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئىجادىيەت ۋە كۆرنەرلىك نەتىجە ياراتقان سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى ــ سىرتىدا ئالاھىدە شۆھرەتكە ئىگە . 2010 ــ يىلى 10 ــ ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹غەربىي شىمال بويىچە بەش ئۆلكە ئاپتونوم رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا سەنئەت بايرىمى ›› دا مۇزىكا ئورۇنلاش بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ، مۇزىكا ئىجادىيتى ، ئورۇنلاش قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ، غەربىي شىمال بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان مۇزىكا ئوركىستىرى ئىكەن.              مىللىي  مۇزىكا (ئوركىستىر) ئۆمىكىدىكى مۇزىكانتلار مەشىق قىلماقتا    
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!