ئامېرىكا ‹‹ئىلىم – پەن ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› يېقىندا، 2010 – يىلىدىكى ئون چوڭ ئىلمىي بايقاشنى باھالاپ چىقتى. بۇلار:
1. كىۋانت ماشىنىسى
2010 – يىلى 3 – ئايدا ئالىملار بىر خىل كىۋانت مېخانىكىسى پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغان قۇرۇلمىنى لايىھەلەپ چىقتى. كىۋانت مېخانىكىسى زەررىچە، ئاتوم ۋە ھاسىلىي ئاتوم دانچىلىرى قاتارلىق مىكرو جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئىدارە قىلىدىكەن. بۇ ئىنسانلار ياسىغان، كىلاسسىك مېخانىكا قانۇنىيىتىگە بويسۇنمايدىغان بىرىنچى قۇرۇلما ئىكەن. ‹‹ئىلىم – پەن ھەپتىلىك ژۇرنىلى››نىڭ قارىشىچە، بۇ ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى زور ئىلگىرىلەش ئىكەن.
2. تۇنجى بىرىكتۈرۈلگەن ھۈجەيرە
ئامېرىكا ئىرسىيەتشۇناسى جون كرىك ۋىندىر 2010 – يىلى 5 – ئايدا تۇنجى بىرىكتۈرۈلگەن سۈنئىي ھۈجەيرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئالىملار يىپسىمان ئىپتىدائىي تەنچىلىك باكتېرىيەگە گېن كۆچۈرۈپ، بىرىكمە گېن گۇرۇپپىسى ھاسىل قىلىپ، ئاندىن ئۇنى ئۆچكىنىڭ ئىپتىدائىي تەنچىلىك ھۈجەيرىسىگە كۆچۈرگەن. تەتقىقاتچىلار كەلگۈسىدە ئېھتىياجغا ئاساسەن بىرىكمە گېن گۇرۇپپىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىيو يېقىلغۇ، تېببىي دورا ۋە باشقا خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
3. ھەممىمىز نىئاندىرىتال ئادىمى
دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن ئون نەچچە ئالىم ھەمكارلىقىدا ماكىس پرانىكا تەدرىجىي تەرەققىيات ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى سىۋات پابۇ 2010 – يىلى 10 – ئايدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. يەنى نىئاندىرىتال ئادىمىنىڭ گېن تەرتىپىنى تىزىپ چىقتى. ئۇنىڭدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايقاش بىزنىڭ %2 گېنىمىزنىڭ نىئاندىرىتال ئادىمىدىن كەلگەنلىكى ئىكەن. ئافرىقىلىقلاردىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ گېننى ئېلىپ يۈرگەن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئادەملىرى بىلەن نىئاندىرىتال ئادىمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى ئىسپاتلانغان.
4. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زور ئىلگىرىلەش
2010 – يىلى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئىلگىرىلەش بولغان بىر يىل بولدى. ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا يوق ئەھۋالدا، بىر قانچە تال دورا بىلەن بىر خىل جىنسىي يول قاتتىق يېلىمى يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يېرىم ھەسسە ئازايتقان. تەتقىقاتتا ئىشلىتىلگەن دورا Truvada كېسەل ۋىرۇسىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان دورا بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بۇنداق دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان. ئالتە دۆلەتتىكى 2500 دىن ئارتۇق ساغلام خوزنەك ۋە خوزنىخان ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ يۇقۇملىنىش خەۋپ – خەتىرىنى %44 تۆۋەنلەتكەن.
5.ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەل گېنى تەرتىپى
ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەر كېسەل گېنىنى ئۆزگەرتىدىغان يېڭى قورالنى بايقىدى. ھازىر ئىرسىيەتشۇناسلار تاشقى ئېكسون گۇرۇپپىسى تەرتىپى ئارقىلىق كېسەللەندۈرگۈچى گېننى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدىغان بولدى. بۇ مۇرەككەپ كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش جەھەتتىكى بىر چوڭ ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىكەن.
6. تەقلىدى مولېكۇلا دىنامىكىسى
تەتقىقاتچىلار دۇنيادىكى ھېسابلاش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ، بىر كىچىك ئاقسىل يادروسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. داۋاملاشقان ۋاقتى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكى سىناق ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن.
7.كىۋانت تەقلىدىي قۇرۇلمىسى
تەجرىبىخانىدا كۆرگەن ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەپ بېرىش ئۈچۈن، فىزىكا ئالىملىرى يېشىش تەس بولغان تەڭلىمە شەكلىدىكى بەزى نەزەرىيەلەرنى يەكۈنلەپ چىققان. بىراق 2010 – يىلى ئالىملار كىۋانت تەقلىدىي قۇرۇلمىسى ئارقىلىق بىر ئۇدۇل يولنى بايقىدى. سۈنئىي كىرېستال لازىر نۇر نۇقتىسىدا، نۇرنىڭ ئېلېكتىرون ئورنىدىكى ئىيون ۋە ئاتومىنى تۇتۇۋېلىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ قۇرۇلما قويۇق ھالەت فىزىكىسىدىكى نەزەرىيە مەسىلىسىگە تېز جاۋاب بېرەلەيدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ سۇپىر ئۆتكۈزۈشچانلىق قاتارلىق سىرلارنى يېشىشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
8. 1000+1 گېنى
سۈرئىتى بارغانسېرى تېز، تەننەرخى بارغانسېرى تۆۋەن گېننى تەرتىپكە تىزىش تېخنىكىسى، گېننى كەڭ كۆلەملىك تەتقىق قىلىشنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى. مەسىلەن: 1000 گېن گۇرۇپپىسى پىلانى بىزنىڭ ئادەم بولۇشىمىزدىكى كۆپ قىسىم گېن ئۆزگىرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
9. ھۈجەيرىنىڭ تەرتىپىنى يېڭىباشتىن تۈزۈش
ھۈجەيرىگە نىسبەتەن يېڭىباشتىن تەرتىپ تۈزىدىغان غەيرىي ئالاھىدە ئۆزگىرىشچان غول ھۈجەيرە تېخنىكىسى تەجرىبىخانىدىكى ئادەتتىكى تېخنىكا بولۇپ قالدى. 2010 – يىلى تەتقىقاتچىلار يادرو قەنتى ۋە يادرو كىسلاتاسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىزمەتنى كېڭەيتىش ئۇسۇلىنى تاپتى. بۇ تېخنىكا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئۇنى داۋالاشتا قوللانسىمۇ بىخەتەر ئىكەن.
كىچىك چاشقان تەجرىبىخانىدىكى ئاساسلىق تەجرىبە قىلىنىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلار چوڭ چاشقاندىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى خالايدۇ. چوڭ چاشقاندىن پايدىلىنىپ تەجرىبە قىلىش ئاسان ھەم چوڭ چاشقان ئوپېراتسىيە ئىلمىدە ئىنسانلارغا تېخىمۇ يېقىن. 2010 – يىلى ئىشلەنگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا چوڭ چاشقانلارنى تەجرىبىخانىدا تەجرىبە قىلىشقا ئۈمىد تۇغۇلدى.