ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئاۋسترالىيە ھىندىستانغا ئۇران ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى

2011-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
ئاۋسترالىيەنىڭ 2008-يىللىق ئۇران ئېكىسپورتى جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشچىلار پارتىيىسى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۇران رودىسى
  

 

ئاۋسترالىيەنىڭ 2008-يىللىق ئۇران ئېكىسپورتى

 جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشچىلار پارتىيىسى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۇران رودىسى ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان. چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش لاھىيىسىنى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى گىللارد ئوتتۇرا قويغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىشچىلار پارتىيىسى دۆلەت سىياسىتى يىغىنىدا 206 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 185 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بىكار قىلىش لاھىيىسىنى ماقۇللىغان. گىللاردنىڭ قارىشىچە، ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، خەلقئارالىق تەسىر كۈچى پەندىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ھىندىستانغا ئۇران رودىسى ئېكىسپورت قىلىش ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، مۇھىم ئىستراتىگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. گىللاردا ئوتتۇرىغا قويغان لاھىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىمىسنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. سىمىسنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنىرگىيىسى كېلىشىمىنى ئىمزالاپ بولغان، ئەگەر ھىندىستان بىلەن ئاۋسترالىيە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ، يادرو ماتىرىيالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسا، ئاۋسترالىيەنىڭ ھىندىستانغا ئۇران ئېكىسپورت قىلماسلىققا باھانىسى قالمايدىكەن. ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇران مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، قازاقىستان ۋە كانادادىن كېيىنلا تۇرىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇران زاپىسى مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ %23 نى ئىگەللەيدۇ. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!