ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش پىلانى جۇڭگونى جىددىيلەشتۈردى

2011-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 3-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تېز بولغاندا بۇ يىل 12-ئايدا، ئەڭ كېچىككەندە كېلەر يىل 2-ئايدىن بۇرۇن يادرو ئوق بېشى ئېلىپ ماڭالايدىغان، ئېتىش مۇساپىسى 5000 كىلومېتىر ك
  

 

 يەر شارى تورىنىڭ 3-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تېز بولغاندا بۇ يىل 12-ئايدا، ئەڭ كېچىككەندە كېلەر يىل 2-ئايدىن بۇرۇن يادرو ئوق بېشى ئېلىپ ماڭالايدىغان، ئېتىش مۇساپىسى 5000 كىلومېتىر كېلىدىغان « Agni-5» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىشنى سىناق قىلماقچى بولغان. جەنۇبىي كورىيە ئاخباراتلىرى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ پىلان جۇڭگونى «ئىنتايىن جىددىيلەشتۈردى»، چۈنكى «بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جۇڭگودىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ ئېتىش دائىرىسىگە كىرىپ قالدى» دېگەن. جەنۇبىي كورىيەنىڭ «كورىيە گېزىتى» شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ دېيىشىچە، ئېتىش مۇساپىسى 5000 كىلومېتىرىدن ئاشىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەقىقىي مەنىدىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بار دۆلەتلەردىن پەقەت ئامېرىكا، روسىيە، ئەنگىلىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەر ئىكەن. كورىيە گېزىتى باھا بېرىپ، ھىندىستان دائىرلىرى بۇ يىل 12-ئايدىن كېلەر يىل 2-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تۇنجى قېتىم ئېتىش سىنىقى قىلىشنى پىلانلىدى، 2-3 يىل ئىچىدە 3، 4 قېتىم سىناق قىلماقچى، 2014-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىسىملارغا سەپلىمەكچى دېگەن. بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئېتىش مۇساپىسى 6000 كىلومېتىر كېلىدىغان « Agni-5» ئۆزگەرتىلگەن تىپىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدىكەن. بۇ پىلان جۇڭگونى «ئىنتايىن جىددىيلەشتۈردى» دېيىلگەن. جۇڭگو ئاخباراتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھىندىستاننىڭ تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىق قىلىش سەۋىيىسى جۇڭگودىن 10 يىلدىن ئارتۇق كېيىن قالغان، ئەمما بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جۇڭگونىڭ مۇھىم شەھەرلىرى ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ ئېتىش دائىرىسىگە كىرىپ قالىدىكەن. مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىگە مەسئول ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدىكى سارسۋات دوكتۇر:«بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز جۇڭگو ياكى پاكىستانغا قارىتىلمىغان. بىز ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىغا ئەمەل قىلىمىز، پەقەت دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا ئالاقىدار پەيتتە ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىمىز» دېگەن. ئەمما ھىندىستاننىڭ باشقا ئالىملىرى تۈزلا قىلىپ:« Agni-5 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا جۇڭگونىڭ كۈشەندىسى بولۇپ قالىدۇ» دەپ، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغانلىقىنى قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرمىغان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!