ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پولشا زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ‹‹كاتىن ۋەقەسى››نىڭ ئارخىپلىرىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
ماتېرىيال سۈرەت : 2010يىلى 8ماي ،رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدىۋ پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋسكىغا كاتىن ۋەقەسى توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئارخىپلارنى تاپشۇرماقتا شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلىگراممىسى : رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدىۋ11ئاپرېل ، رۇسىيە كاتىن ۋەقەسى توغرىسىدىكى بارلىق ئارخىپ
  俄罗斯向波兰移交67份卡廷事件档案(图)   ماتېرىيال سۈرەت :  2010–يىلى 8–ماي ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدىۋ پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋسكىغا ‹‹كاتىن ۋەقەسى›› توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئارخىپلارنى تاپشۇرماقتا

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلىگراممىسى : رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدىۋ 11–ئاپرېل ، رۇسىيە ‹‹كاتىن ۋەقەسى›› توغرىسىدىكى بارلىق ئارخىپلارنى پولشاغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

    رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدىۋ سمولېنسكايا(Smolenskaya) ئىشتاتىدا پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋسكى(Komorowski) بىلەن كۆرۈشكەندە : رۇسىيە ھۆكۈمىتى ‹‹كاتىن ۋەقەسى›› ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ بولدى ، بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق سوۋىت ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ قىلمىشى ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ . ‹‹كاتىن ۋەقەسى› مۇناسىۋەتلىك باشقا قاراشلارنىڭ پاكىت ئاساسى يوق ، تارىخىي ھۈججەتلىرىمۇ يوق ، –دېدى .

ماتېرىيال سۈرەت : پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لېخ كاچىنسكى (Lech Kaczynski)نىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ۋەقەگە ئۇچرىغان نەق مەيدان

  كوموروۋسكى (Komorowski) : رۇسىيە پولشا ئىككى تەرەپ ‹‹كاتىن ۋەقەسى›› تەكشۈرۈشىدە چوڭ ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى ، ھەمدە بۇ ۋەقە توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى ،–دېدى .كوموروۋسكى(Komorowski)يەنە رۇسىيە پولشا ئىككى تەرەپ بىرلىكتە دۆلەت ھالقىغان گۇرۇپپا تەشكىللەپ ، پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لېخ كاچىنسكى (Lech Kaczynski)نىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ۋەقەگە ئۇچرىغان جايدا خاتىرە تېشى ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

ماتېرىيال سۈرەت : ‹‹كاتىن ۋەقەسى››دە زىيانكەچلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ قەبرىسى

    ‹‹كاتىن ۋەقەسى›› 1940–يىلى باھاردا يۈز بەرگەن بولۇپ ، بۇ ۋەقەدە 22 مىڭ پولشا خەلقى سوۋىت ئارمىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 4000 دىن ئارتۇق ئادەم كاتىن ئورمانلىقىدا قىرغىن قىلىنغانلىقتىن ، كاتىن ئورمانلىقىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق دەپ ئاتالغان . 

    1939–يىلى 1–سېنتەبىر ، گىرمانىيە ئارمىيەسى پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ ، پولشانىڭ غەربىي قىسمىنى بېسىۋالغان ، سوۋىت ئارمىيەسى بولسا شەرقىي قىسمىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، شەرقىدىكى بىر نەچچە شەھەرنى بېسىۋالغان . 1943–يىلى گىرمانىيە قوشۇنى كاتىن ئورمانلىقى ئەتراپىدا سوۋىن ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملەرنىڭ جەسسىتىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، سابىق سوۋىن ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىپ ، جەسسەتلەرنىڭ گىرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملەر دەپ ئارتىپ قويغان .

    1990–يىلى 13–ئاپرېل ، شۇ چاغدىكى پولشا زۇڭتۇڭى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە بارغاندا ، سوۋىت ئىتتىپاقى رەسمىي ھالدا بۇ ۋەقەنىڭ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان .

ماتېرىيال سۈرەت : گىرمانىيە ئارمىيەسى بايقىغان ‹‹كاتىن ۋەقەسى››دە زىيانكەچلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسسىتى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!